مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇھىملىقى كۆرسىتىلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2015.06.17
uyghuristan-germaniye-paaliyet.jpg گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى» دىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 13-ئىيۇن، ميۇنخېن.
RFA/Pidaiy


2015 - يىلى 13 - ۋە 14 - ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر نامى قوللىنىلغان بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇھىملىقى كۆرسىتىلگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پائالىيەت گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق تۈرك جەمئىيەتلىرى بىلەن «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ ھەمكارلىقىدا تەشكىللەنگەن.

«ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك مەدەنىيەتلىرى، تارىخى يالدامىلار ۋە نەشرىيات بۇيۇملىرى ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار بىلەن بېزەلگەن چېدىردا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈرك ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغان.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي بوھرانلارنىڭ ئېچىنىشلىق كەچمىشى ۋە خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان سىياسەتشۇناسلار، ژۇرنالىستلار، تارىخچىلار، مىللىي ۋە دىنىي ئىخلاسمەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلىكلەردىن خەۋەردار بولغان.

پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىنى گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىينىڭ «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلىغايسىزلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.