ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىم ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رېينخارد بۇتىكۆفېر ئەپەندى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.04.13
nusret-ghani-1 ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى نۇسرات غېنى (ئوتتۇرىدا) ۋە ئىئىن دانكان سىمىس (ئوڭدا) ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ئەنگلىيە پارلامېنتىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرماقتا. 2021-يىلى 22-ئاپرېل، لوندون.
AFP

ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى (Nusrat Ghani) خانىم بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رېينخارد بۇتىكۆفېر (Reinhard Bütikofer) ئەپەندى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا قارىتا جازا تەدبىرى قوللىنىشتا ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىنىشتا مۇھىم رول ئوينىغان سىياسىيونلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

يېقىندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىرلىكتە نۇسرەت غەنى ۋە رېينخارد بۇتىكۆفېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۇيغۇر دوستلىرى» غا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىم ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رېينخارد بۇتىكوفېر ئەپەندى مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

dostluq-yighini-10.jpg

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.