ۋۇشى ھۈنەر-كەسىپ تېخنىكا ئىنستىتۇتىدىكى «قاتىللىق ۋەقەسى» ۋە ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى مەسىلىسى
2024.11.20

16-نويابىر خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرىدىكى «ۋۇشى ھۈنەر-سەنئەت تېخنىكا ئىنستىتۇتى» دا قاتىللىق دېلوسى يۈز بېرىپ خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. خىتايدىن چىققان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قاتىللىقنى «ۋۇشى ھۈنەر-سەنئەت تېخنىكا ئىنستىتۇتى» نىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى بىر ئوقۇغۇچىسى سادىر قىلغان. بۇ ۋەقە 8 ئادەم ئۆلۈپ، 17 ئادەم يارىلىنىشتەك ئېغىر پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
يېقىندىن بۇيان خىتايدا بىگۇناھ كىشىلەرگە، ھەتتا چەتئەللىكلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە. ئەمما خىتاي بۇ خىل ۋەقەلەرگە «قىسمەن ھادىسىلەر» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنى «جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش» ياكى «قاتىللىق» دېگەن سۆزلەر بىلەنلا ئىزاھلىغان. ئەمما يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قارشىلىقلىرىنى بىگۇناھ كىشىلەرگە ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا قارىتىشلىرىمۇ خىتاي تەرىپىدىن «تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ تەشۋىق قىلىنىپ كەلگەنىدى. ھالبۇكى خىتاينىڭ بۇ خىل قوش ئۆلچىمى، ئىرقچىلىق سىياسىتى خىتايدىكى مۇقىمسىزلىقنى ئازايتىپ قويغىنى يوق. گەرچە خىتاي «قايتا تەربىيەلەش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى تېررورلۇقنى پۈتۈنلەي يوقاتتۇق» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاتالمىش تېررورلۇقنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە باشقىچە شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. جياڭسۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يۇقىرىقى ۋەقە، دەل بۇنىڭ مىساللىرىدىن بىرىدۇر. ئەمما بىز بۈگۈن مەزكۇر ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ۋە خىتاينىڭ «قوش ئۆلچەملىرى» ھەققىدە ئەمەس، بەلكى بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە قاراشلىرىمىزنى ئورتاقلىشىمىز.
قارايدىغان بولساق، مەزكۇر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئورتاقلىقى بولۇشى بىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى جياڭسۇ ئۆلكىسى خىتاينىڭ «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» ئىچىدىكى بىر ئۆلكە بولۇش سۈپىتىدە، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي رايونلىرىدا زور كۆلەمدىكى «تەربىيەلەش بازىسى» قۇرۇش، ئەمگەك يېشىدىكى ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيەلەش»، بولۇپمۇ 80- ۋە 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن «خىزمەت» لەرنى ئېلىپ بارغان. جياڭسۇ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى خىتاينىڭ «شىنجاڭغا مائارىپتا ياردەم بېرىش پىلانى» بويىچە، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىزىلسۇ، غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي قاتارلىق جايلىرىنىڭ مائارىپ ساھەسىگە «جياڭسۇ ئۇسلۇبى» نى ئېلىپ كىرگەن. بىز بۇ يەردە تىلغا ئالغان «جياڭسۇ ئۇسلۇبى» بولسا، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرىدە يولغا قويغان ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ كەسپىي تەربىيەلەش ساھەسىدە «ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە مەكتەپ» ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇپ، بەزىلىرى مەكتەپ قورۇسى ئىچىگە كارخانىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بەزىلىرى كارخانىلاردا كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى تەسىس قىلىش بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە مەكتەپ ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكۈچى، ئوقۇغۇچىلار بولسا زىيان تارتقۇچىغا ئايلىنىدۇ.
بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مەكتەپتىكى قاتىللىق دېلوسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن، بۇ پاجىئەنىڭ سادىر بولۇشىغىمۇ دەل «ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە مەكتەپ» ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. يەنى، دېلو سادىر قىلغۇچى قالدۇرغان خېتىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالغان. يەنى ئۇ خېتىنى «بىر كوللېكتىپ سادىر قىلغان جىنايەتتە، ھېچكىم بىگۇناھ ئەمەس!» دېگەن سۆز بىلەن باشلىغان بولۇپ، زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى 16سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىدىغانلىقى، زاۋۇتنىڭ ئۇلارغا سۇغۇرتا ئېلىپ بەرمەيدىغانلىقى، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بەرمەيدىغانلىقى، ھەتتا ئاغرىپ قالسىمۇ رۇخسەت سوراشقا بولمايدىغانلىقى، ئىش ھەققىنىڭ ۋاقتىدا بېرىلمىگەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئاغرىپ قېلىپ، بىر قانچە كۈن رۇخسەت سورىغانلىقى سەۋەبلىك، ئىشتىن قوغلىنىپلا قالماي، مەكتەپتىن دىپلوم ئالالمىغانلىقى، ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ زاۋۇتتا تۈرلۈك ھەقسىزلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ بۇنداق ھەقسىزلىكلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي، بۇ خىل ئۇسۇلدا كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاش ۋە خىتايدىكى ئىشچىلار ھوقۇقىنى ياخشىلاشقا كۈچ قوشماقچى ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى يېزىپ قالدۇرغان.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مەزكۇر ئوقۇغۇچى ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغان ئوقۇش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، پەقەت ئەمەلىي مەشىق نەتىجىسىلا لاياقەتسىز بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنى بۇ ئوقۇغۇچى خىزمەت جەريانىدىكى ناھەقچىلىككە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن نەتىجىسىنىڭ «لاياقەتسىز» بولغانلىقىنى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومى بېرىلمىگەنلىكىنى تەخمىن قىلىشىمىز مۇمكىن. مەكتەپكە ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ خىتاي ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان ۋۇشى ھۈنەر-كەسىپ تېخنىكا ئىنستىتۇتى بولسا ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپتە «ھۆكۈمەت، مەكتەپ ۋە كارخانا ھەمكارلىقى» تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغان. بۇ ۋەجىدىن ئوقۇغۇچىلار كارخانىلاردا ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇشقا مەجبۇر بولغان. دىپلوم بەرمەسلىك ياكى ئىش ھەققىنى بەرمەسلىك قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. ئەمما جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ئەھۋاللار يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكىدىن پەرقلىق بولغاچقىمۇ، ئاقىۋەتتە، يۇقارقىدەك قانلىق ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىنى توسۇپ قالالمىغان.
ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى ئۆزىنىڭ «ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە مەكتەپ ھەمكارلىقى ئۇسلۇبى» نى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرىگىمۇ ئېلىپ كىرگەن. مىسالغا ئالساق، خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا ئاخباراتچىلىقى تورى» نىڭ 2022-يىلى ئۆكتەبىردىكى بىر سانىدا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇنلىغان كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتەپلىرى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلى قۇرۇپ، مائارىپقا «ياردەم بەرگەن» لىكى خەۋەر قىلىنغان. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «جياڭسۇ قۇرۇلۇش كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى» نىڭ تور بېتىدە 2024-يىلى ئىيۇندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەشكە قىلغان ياردەملىرى» تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ماقالىدە ئېنىق قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ «شىنجاڭدا ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن مەكتەپلەرگە كارخانىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كارخانىلاردا مەكتەپلەرنى قۇرۇپ چىقىش» ئۇسلۇبىنى قوللانغانلىقى دېيىلگەن. «خەلق تورى» نىڭ 2020-يىلى ئۆكتەبىردىكى بىر سانىدا بولسا، جياڭسۇدىكى 10 مەكتەپنىڭ، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى 4 كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە «نىشانلىق ياردەم» بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. شۇنداقلا خەۋەردە بۇ «نىشانلىق ياردەمنىڭ مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش، ئەمەلىي مەشىق بازىلىرىنى قۇرۇش» قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىق دېيىلگەن.
دەرۋەقە، يۇقىرىدا ۋەقە سادىر بولغان مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قانداق شەكىلدە ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇلغان ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان بولسا، بۇنداق ھادىسە ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاش شەكىلدە يۈز بەرگەن دېيىشكە ھەقلىقمىز. لېكىن پەرقلىق يېرى شۇكى، ۋۇشىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچى ھېچبولمىغاندا قارشىلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. ئەمما ئۇيغۇرلارچۇ؟ ئەگەر بىز قاتىللىق جىنايىتى سادىر قىلغان بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەسىيەتنامىدىكى ئەھۋاللار نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولغان تەقىبلەشلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلالايمىز. چۈنكى يېقىنقى يىللاردا ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى ياكى قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردا، «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكىلەرنىڭ «جىنايەتچى» سۈپىتىدە مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقى دەلىللەنگەنىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، مەيلى قانداق شەكىلدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» بولسۇن، بۇ مەكتەپلەردە «تەربىيەلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار» نىڭ بىر ئاز بولسىمۇ ئىش ھەققىگە ئەمەس، بەلكى ئىنسانلىق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، جياڭسۇ ۋۇشىدىكى مەكتەپتە بۈز بەرگەن بۇ قاتىللىق دېلوسى بىزگە خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى ئېنىق. تېخىمۇ مۇھىمى، «ئوقۇغۇچى» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن، «جىنايەتچى» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلالىشىمىز، شۇنداقلا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان كارخانىلارنى دۇنيا مىقياسىدا چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈشنىڭ نەقەدەر تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلىشىمىز مۇمكىن.
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]