تۈركىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى قەشقەر تاختا كۆۋرۈك ھۇجۇمى ھەققىدە تەسىراتىنى بايان قىلدى
2015.07.01
22-ئىيۇن كۈنى يۈز بەرگەن قەشقەر تاختا كۆۋرۈك ھۇجۇمى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كەڭ-كۆلەمدە دىققىتىنى تارتتى. دۇنيانىڭ دىققەت قىلىۋاتقان نۇقتىلىرى-خىتاي قاتتىق ۋە ئىزچىل باستۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بېسىقماسلىقى، خىتاينىڭ ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنى ئۆز پۇقرالىرى قاتارىدا تىرىك قولغا چۈشۈرۈپ سوت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلماستىن، تاشقى دۈشمەن قاتارىدا قىرىپ-ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىدۇر.
خىتاي بۇ ۋەقە ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەننىڭ سىرتىدا ھېچقانداق خەۋەرمۇ بەرمىدى، ئەمما شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ۋەقە ھەققىدىكى قاراش ۋە پوزىتسىيىسىنى تۈرلۈك جامائەت سورۇنلىرىدا ئىزچىل ھالدا بايان قىلىپ كەلمەكتە. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھۇجۇمچىلارنىڭ بىر جەمەت ئەزاسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ سەۋەب-ئامىللىرى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالدى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.