16-نويابىر سېرىقبۇيا ۋەقەسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى
2013.11.18

مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرى، تور بەتلىرى ۋە شۇنداقلا گېزىتلەردىن كەڭ ئورۇن ئالدى.
ياپونىيەدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن ئاساھى شىنبۇن گېزىتىنىڭ 17-نويابىر سانىدىكى «شىنجاڭدا 11 ئادەم ئۆلدى. ساقچىخانا خادىملىرى ھۇجۇمچىلارنى ئۆلتۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە 16-نويابىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان توققۇز نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ساقچىخانا خادىملىرىدىن ئىككى نەپىرىنىڭ يارىلىنىپ، ئىككىسىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئەمما ۋەقەدە ئۆلگەن 11 نەپەر ئۆلگۈچىنىڭ مىللىتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى، لېكىن ئۆلگۈچىلەردىن بىر نەپىرىنىڭ ئازسانلىق مىللەت بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىنلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا يېزىسىدا بۇ يىل 4-ئايدا ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ۋەقەدە 21 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ۋەقەنى خىتاي دائىرىلىرى تېررورلۇق ھۇجۇم دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھۇجۇم ۋەقەسىگىمۇ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھەرىكەت» دەپ باھا بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.
يومىئۇرى شىنبۇن گېزىتىنىڭ 17-نويابىردىكى «ئىككى نەپەر ساقچىخانا خادىمى ۋە 9 نەپەر ھۇجۇمچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن خەۋىرىدە 16-نويابىر كەچتە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككى نەپەر ساقچى يارىلىنىپ، ئىككى ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 9 نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى،ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى توغرىسىدا بەزى ئېنىقسىز مەلۇماتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭ تيەنئەنمېندە ئاپتوموبىل ھۇجۇم ۋەقەسى بىلەن يېقىندا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھۇجۇم ۋەقەسىنى تېررورلۇققا باغلاپ «تېررورلۇق ھۇجۇم» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن شۇناداقلا بۇ ئىككى ۋەقەدىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نىپپون كېزاي شىنبۇن گېزىتىنىڭ 17-نويابىردىكى «ئۇيغۇر ئېلىدا ساقچىخانا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 11 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى» دېگەن خەۋىرىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا 16-نويابىر كەچتە 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئىككى نەپەر ساقچىنىڭ يارىلىنىپ،ئىككىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 9 نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا «ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش، نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن» دېيىلگەن.
خەۋەردە يەنە «بۇ ۋەقە يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق ھەرىكىتى بولۇپ، بەلكىم بۇ ھەرىكەت تىزدىن باشقا رايونلارغىمۇ تارقىلىشى مۇمكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى، قوراللىق ساقچى ۋە باشقا قوغداش خادىملىرىغا، كوچا چارلاش، كىملىك تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قول بولۇشنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر كېلىپ چىققان. يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمدى چۈچۈشى مۇمكىن» دېيىلگەن.
نىپپون كېزاي شىنبۇن گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگۈچى ھۇجۇمچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن 10 دىن ئوشۇق كىشىنىڭ ھۇجۇمچىلارنىڭ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەملەشكەن دېگەن باھانە- سەۋەب بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى شۇنداقلا شۇ ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن 40-50 كىشىنىڭ ساقچىخانا ئالدىغا توپلىشىپ ساقچىلارنىڭ ئوق چىقىرىپ ئادەم ئۆلتۈرۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن.
نىپپون كېزاي شىنبۇن گېزىتىنىڭ 18-نويابىردىكى خەۋىرىدە 16-نويابىر مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار ناھىيىنىڭ ھەممە جايلىرىغا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، ناھىيىگە كىرىپ-چىقىش يوللىرىنى قامال قىلىپ، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئامانلىق خىزمىتىنى كۈچەيتىش قەشقەر شەھىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىپ 17-نويابىر كەچتىن باشلاپ پۈتكۈل قەشقەر شەھىرىدە ساقچى، قوراللىق ساقچىلارنىڭ قاتتىق چارلاش، باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئاشكارىلىماي، باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، پىچان لۈكچۈن ۋەقەسىدە 30 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.
خەۋەردە يېقىندا خىتايدا ئېچىلغان 3-ئومۇمىي يىغىندىمۇ خىتاي كومپارتىيىسى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىمۇ قاتتىق باستۇرۇش قارار قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە يەنە 17-، 18-نويابىر كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش توغرىسىدا بەرگەن يوليورۇقى توغرىسىدىمۇ توختالغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى ناكو خانىم بۇ ۋەقە ئۈستىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى:
-بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى سەۋەبىدىن ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان مەسىلە دەپ قارايمەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.