0:00 / 0:00
20 - ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلان قىلىنغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاتىرىلىنىش ئالدىدا تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا تارىخچى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، 1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق بىر تارىخىي شەرت - شارائىتتا قۇرۇلغانلىقى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتنى قانداق قىلىپ يوق قىلىۋەتكەنلىكى، كۈچلۈك مىللىي ئارمىيەسى بار بۇنداق بىر جۇمھۇرىيەتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوق بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارنى بەردى.
تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىتىمىز.