تالىبانلار بېيجىڭ بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنى دەسمايە قىلامدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-07-14
Share
تالىبانلار بېيجىڭ بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنى دەسمايە قىلامدۇ؟ تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى سۇخائىل شاھىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2021-يىلى 9-ئىيۇل، رۇسىيە.
REUTERS

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى بىلەن تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئىگىلەپ، ‍ئۆزىنىڭ تەسىرىنى تېز كېڭەيتىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەڭ دىققەت قوزغىغان ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەدەخىشان ئۆلكىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم يېزا-بازارلىرىنى ئىگىلەپ، بەدەخشاننىڭ مەركىزى فەيزىئابادنى قورشاۋغا ئېلىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەدەخشان بىلەن بولغان چېگراسىغا يېتىپ كېلىشى بولدى.

تالىبانلار خىتايغا ھەقىقىي تەھدىت ‍ئىكەنلىكى ئىزچىل گۇمانلىق بولۇپ كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋە 2000-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا بىر مەزگىل ئۆزىنىڭ پاناھلىقىغا ئالغان. خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، تالىبانلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى چېگراسىغا يېتىپ كېلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن بولغان تارىخىي ئالاقىسى سەۋەبلىك بېيجىڭنى بىئارام قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بىراق ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورنى بولغان «رەند شىركىتى» نىڭ سىياسەت تەتقىقاتچىسى، ئاسىيە-تىنچ ئوكيان سىياسىتى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى سكوت خارولدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ ‍ئىچكى تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ سانىنى كۆپتۈرۈپ كەلگەن ‍ئىكەن.

سكوت خارولد 13-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ ‍ئىزچىل ئۇيغۇر قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ سانىنى كۆپتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى كۆردۇق. چۈنكى بۇ جەھەتتىكى دەلىللەرنىڭ ‍ئىنتايىن ئاجىز بولۇشىغا قارىماي، خىتاي بۇنى ‹بېيجىڭ ۋە خىتاي خەلقى رادىكال ئۇيغۇرلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا› دېگەن ئىچكى تەشۋىقاتىنى يۈرگۈزۈشتە قوللىنىلىپ كەلگەن. بىز خىتاينىڭ بىر قاتار ۋەقەلەردە ساقچىلارنىڭ بوىس پەلىيى، ئوقى يوق ‍ئوقيا، بېنزىن دېگەندەك نەرسىلەرنى تاپقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى كۆردۇق.»

سكوت خارولدنىڭ ئېيتىشىچە، ‍ئەگەر ئافغانىستاندا ئۇيغۇر قوراللىقلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ خىتايغا تەھدىت پەيدا قىلىشى گۇمانلىق ئىكەن.

سكوت خارولد مۇنداق دېدى: «ئافغانىستاندا زادى قانچە ‍ئۇيغۇر قوراللىقلىرى بارلىقىنى بىلمەيمەن. بىراق مەن ئۇلارنىڭ ئافغانىستان ئىچىدە ۋە شۇنداقلا خىتايغا كىرىپ ھەرقانداق بىر ئىش قىلالىشى گۇمانلىق، دەپ قارايمەن. ئۇلارنىڭ خىتايغا كىرسە بايقىلىش، تۇتۇلۇپ قېلىش، قىيىن-قىستاققا ئۇچراش ۋە ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى. شۇڭا مەن ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى خىتايغا چوڭ تەھدىت، دەپ قارىمايمەن. بىراق بۇ دېگەنلىك خىتاي ئۇلارنى ‍ئۆزىگە تەھدىت، دەپ قارىمايدۇ، بۇنى خىتاي كومپارتىيەسى خىتاي خەلقىنى ئۇيغۇر قوراللىقلىرىدىن قوغداۋاتىدۇ، دېگەن تەشۋىقاتتا كەڭ قوللانمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس.»

ئامېرىكادىكى «كور ئانالىز ئورنى» نىڭ مەسئۇلى، دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلاردىن كېلىدىغان ھەرقانداق بىر تەھدىتنى، ئەگەر بۇنداق بىر تەھدىت مەۋجۇت دېيىلگەن تەقدىردە، ئۇنى ‍ئىزچىل تۈردە بۇرمىلاپ ۋە كۆپتۈرۈپ كەلگەن ‍ئىكەن.

ئاندېرس كور 13-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇرلاردىن كېلىدىغان ھەرقانداق تەھدىتنى، ئەگەر بۇنداق بىر تەھدىت مەۋجۇت دېيىلسە، توقۇپ چىقتى، يوغارتىپ ۋە كۆپتۈرۈپ كەلدى. ئۇلار بۇنى پۈتۈنلەي يامان يوللار بىلەن قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى پۈتۈنلەي خاتا ۋە كىشىنى چۆچۈتەرلىك ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇيغۇرلارغا قارشى پۈتۈنلەي خاتا بولغان يامان غەرەزلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللاش ‍ئۈچۈن ئىدى.»

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ئەھۋالدا، تالىبانلارنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقى سىناققا دۇچ كەلگەن. يەنى تالىبانلار باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدەك خىتاينىڭ ھەرىكىتىگە كۆز يۇمۇپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇش ياكى ‍ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنى تاللاشقا دۇچ كەلگەن.

لېكىن تالىبانلارنىڭ قاتار پايتەختى دوھادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ «ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىگە ئېيتىشىچە، تالىبانلار خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا كۆڭۈل بۆلسىمۇ، بىراق «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىكەن.»

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى سۇخائىل شاھىن، تالىبانلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، بېيجىڭ بىلەن بولغان سىياسىي دىيالوگدا ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى كۆزلەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ: «بىراق بىز تەپسىلىي ئەھۋالنى بىلمەيمىز. بىلسەك ئەندىشىمىزنى ئىپادىلەيمىز،» دېگەن.

سۇخائىل شاھىننىڭ ئېيتىشىچە، تالىبانلار «ھەرقانداق بىرىنىڭ مەيلى ئۇ شەخس ياكى تەشكىلات بولسۇن، ئافغانىستاننى بازا قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا يول قويمايدىكەن.» سۇخائىل شاھىن بۇنىڭ «خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ‍ئالىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.

تۈركىيە ھاجىتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم تالىبانلار ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان تاقدىردىردىمۇ، ئۆزىنىڭ جىھاتچىلىق ئىدېئولوگىيەسىدىن قايتمايدىغانلىقى، بىراق بۇ ئۇنىڭ خىتاي بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبانلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە خىتاينىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەيدىغان شەكىلدە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ بىر ئۇسۇلىنى تېپىشى مۇمكىن ‍ئىكەن. ئەركىن ئەكرەم تالىبانلارنىڭ ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى رەت قىلىپ، مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

تالىبانلارنىڭ ئۇيغۇر قوراللىقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى 2000-يىللاردىكى باشلىرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ‍ئىسلام ھەرىكىتى» گە چېتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، لېكىن بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىزچىل گۇمان قوزغاپ كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى بۇ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئائىت يېتەرلىك پاكىت يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى ئۆزنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن چىقارغان.

دوكتور ئاندېرس كور، خىتاينىڭ بۇ تەشكىلاتنى ئىزچىل ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› نىڭ تېررورلۇق گۇرۇھى ئىكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق دەلىل يوق. خىتاي تېرورلۇقنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ‍ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھەقلىق قىلىش ئۈچۈن ‍ئىشلىتىپ كەلدى.»

رەند شىركىتىدىكى سكوت خارولدنىڭ قارىشىچە، ‍ئەگەر تالىبانلار بېيجىڭغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى سېتىۋەتمىسە، ئۇ بۇنىڭدىن بۇ ھەيران قالىدىكەن. سكوت خارولد مۇنداق دېدى: «دۇنيادا مىليونلىغان ئۇيغۇر بار. ئۇلاردىن پەقەت ‍ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم كىشى تالىبانلار بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، سىياسىي پائالىيەتتە بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر تالىبان رەھبەرلىرى بېيجىڭغا ياخشىچاق بولۇشنى ئويلايدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ ئويغۇرلارنى ساتماسلىقى مېنى ھەيران قالدۇرىدۇ.»

سكوت خارولدنىڭ ئېيتىشىچە، ‍ئۆز ۋاقتىدا تالىبانلار «ئەل-قائىدە» ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى بىن لادىننى ئامېرىكاغا تاپشۇرۇپ بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق تالىبان رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن ئافغانىستاندا ھەرىكەت قىلىدىغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى بىن لادىن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن پەرقلىق ئىكەن.

تالىبانلار 1990-يىللىرى ئافغانىستاننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ‍ئىشغال قىلغان ۋاقىتلىرىدىمۇ بەدەخشاننى ‍ئىگىلەپ باقمىغان. بەدەخشان ئىزچىل ئەخمەتشاھ يېتەكچىلىكىدىكى ئافغانىستان شىمالىي ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلگەن. لېكىن بۇ قېتىم تالىبانلار بەدەخشاننىڭ كۆپ قىسمىنى ‍ئىگىلەپ، تۇنجى قېتىم 60 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىدە خىتاي بىلەن قوشنا بولغان.

«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى سۇخائىل شاھىن «تالىبان ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئافغانىستاننىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە قوشۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىپبلەمدۇ؟» دېگەن سوئالغا نارازىلىق پىكرىدە بولغان. ئۇ ھەرقانداق قارارنىڭ ۋاقتى كەلگەندە رېئاللققا قاراپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شاھىن: «ئەگەر ئۇ جايدا مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى مەسىلىلىرى بولسا، ئەلۋەتتە بىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىمىز،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت