ئاتاقلىق تىلشۇناس ۋە ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ 90 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرە مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىل 17-ماي، ئالمۇتا.
ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرە مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىل 17-ماي، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ، شۇ جۈملىدىن دۇنياغا تونۇلغان ئالىملارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا توختىماي سولۇنۇۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇشۇنداق ئېغىر بىر پەيتتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار قازاق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدە ئەنە شۇنداق داڭلىق شەخسلىرىنى، ئالىملىرىنى، يازغۇچىلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

17-مايدا ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ مەركىزى چونجا يېزىسىنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىدە تىلشۇناس ئالىم، قازاقىستان مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەقىقىي ئەزاسى، پروفېسسور غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئالىمنىڭ رەپىقىسى ئوماق ھەسەنوۋانىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇيغۇر ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن مەزكۇر مۇراسىمغا زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، يېزا ھاكىمىيەتلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋەكىللىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك، ئوقۇغۇچىلار، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتناشتى.

غوجەخمەت سەدۋاقاسوف توغرىلىق ئىشلەنگەن فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئىلمىي پائالىيىتى بويىچە «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف دوكلات قىلدى. ئۇ ئالىمنىڭ قازاقىستان ئىلىم-پېنىگە، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىگە قوشقان تۆھپىسىنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان ئۇيغۇر ناھىيە ھاكىمىنىڭ ئورۇنباسارى دائۇلېتجان دېمېنبايېف، تىلشۇناس ئالىم، پروفېسسور ئەلىمخان جۈنىسبېك، ئۇيغۇر ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى سۇلتانمۇرات ئىسراپىلوف ۋە باشقىلار غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ئالىم ۋە جەمئىيەت ئەربابى سۈپىتىدە پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئۇيغۇر ئېلى، رۇسىيە، ياۋروپا دائىرىسىدىمۇ تونۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىشىمىزچە، غوجەخمەت سەدۋاقاسوف ئەينى ۋاقىتلاردا كۆپلىگەن ئاتاقلىق قازاق ئالىملىرى بىلەن يېقىندىن ئارىلاشقان. مەزكۇر مۇراسىمغا كەلگەن ئالمۇتالىق مېھمانلارنىڭ بىرى، قازاقىستان ژۇرنالىستىكا ئاكادېمىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى، ئاكادېمىك ساغىمباي قوزىبايېف غوجەخمەت سەدۋاقاسوف يېتەكچىلىك قىلغان ئۇيغۇر تىلشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ئومۇمەن تۈركشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ يېتەكچى ساھەلىرىدىن بىرى بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرققە دەسلەپكىلەردىن بولۇپ يېزىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە تۈركىي خەلقلەر ئىچىدىن دەسلەپكىلەردىن بولۇپ ئۆز مەملىكىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

غوجەخمەت سەدۋاقاسوف دۇنياغا كەلگەن چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، ھازىر «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مالىك مەھەمدىنوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر ناھىيەسى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردىن كۆپلىگەن ئاتاقلىق شەخسلەر يېتىلىپ چىققان ھەم ئۇلار ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات، سەنئەت ساھەلىرىدە چوڭ تۆھپىلەرنى ياراتقان ئىكەن. بۇ يىلى ئالىمنىڭ تۇغۇلغىنىنىڭ 90 يىللىقىغا دائىر ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ۋە جاي-جايلاردا بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز غوجەخمەت سەدۋاقاسوف دېگەندە، مەدەنىيىتىمىزنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. بۈيۈك ئالىم تىلىمىزنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە چوڭ نەتىجىلەر قازاندى. شۇڭا ئۇنىڭ 43 يېشىدا ياقلىغان دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنىڭ ماۋزۇسىمۇ› پەرغانە ۋادىسى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى‹دەپ ئاتىلىپ، ئۇ چۇقان ۋەلىخانوف نامىدىكى مۇكاپاتنىڭ ساھىبى ئاتالدى. خەلقىمىزنىڭ نامىنى يۈكسەك چوققىلارغا كۆتۈرۈپ، داڭقىنى ئاشۇرۇۋاتقان ئالىملاردىن تۇنجى ئاكادېمىك يارمۇھەممەت مۇبارەكوف، شۇنداقلا پەن دوكتورلىرى تۇغلۇقجان تالىپوف، ۋېلىنۇر مەخپىروف ئوخشاش ئالىملارنى بىز مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئالىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، غوجەخمەت سەدۋاقاسوف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، يەنى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇۋاتقان پەيتىدە ئۇيغۇر ئېلى ئالىملىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا باشلىغان. لېكىن ئۇ كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا 1991-يىلنىڭ كۈز پەسلىدە 62 يېشىدا تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئۆرلېۋ» ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، تىلشۇناس كاندىدات دوكتورى رۇسلان ئارزىيېف ئەپەندى قازاقىستاندا 1986-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ خېلى جىددىي تەرەققىي ئېتىۋاتقانلىقىنى ھەم بۇ جەھەتتە ئىۋرايىم مۇتىئى، مىرسۇلتان ئوسمان، خەمىت تۆمۈر، ئامىنەم غاپپار باشچىلىقىدىكى تىلشۇناس ئالىملارنىڭمۇ خېلى چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلىگەن غوجەخمەت ئاكا بىردىنلا چەتئەلدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلار بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىشقا كىرىشتى. 1991-يىلى ماي ئېيىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپى بىلەن شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل ۋە يېزىق كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى كېلىدۇ. قازاقىستاندىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ۋە بايتۇرسىنوف نامىدىكى تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى بىرلىكتە ئۆز ئارا 9 ماددىلىق كېلىشىمگە قول قويىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ۋاقىتتا تىلشۇناسلىق ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى ئىچىدىكى يېتەكچى ساھە بولغان. ئىنستىتۇتنىڭ تىلشۇناسلىق بۆلۈمىدە بۇ چاغدا غوجەخمەت سەدۋاقاسوف يېتەكچىلىكىدە تۇغلۇقجان تالىپوف، شېرىۋاخۇن باراتوف، شاۋدۇن كىبىروف، ۋېلىنۇر مەخپىروف قاتارلىق تونۇلغان ئالىملار ۋە كۆپلىگەن ياش مۇتەخەسسىسلەر ئىشلەۋاتقان ئىدى.

رۇسلان ئارزىيېفنىڭ دېيىشىچە، غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يۇقىرىدا ئاتالغان كېلىشىم ئەمەلگە ئاشماي، پەقەت قەغەز بېتىدىلا قالغان. كېيىنچىرەك ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆز پائالىيىتىنى توختىتىشى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ئەھۋاللار تۈپەيلى ئىككى تەرەپ ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئالاقىسى ئەمەلدىن قېلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىجتىمائىي تەتقىقاتلار بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، ھازىر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە تونۇلغان شەخسلەرنىڭ بىرى سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شۇ ۋاقىتتا غوجەخمەت ئاكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بىر گۇرۇپپا تىلشۇناس ئالىملار بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئىملا لۇغىتى ھەققىدە سۆھبىتىگە مەن دەخل بولغان. غوجەخمەت ئاكا بىر مىللەتنىڭ تىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك دېگەن ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1991-يىلنىڭ ئۆزىدە خىتاي قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى ئالىملار بىلەن يېقىنلىشىشىغا يول قويمايتتى.»

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىملار بىلەن ئىلمىي ئالاقە قىلىشىغا ياش قازاق ھۆكۈمىتى توسالغۇلۇق قىلمىغان.

ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرىستاندا كوممۇنىستىك خىتاي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان زاماندا بۇ يەردە ھۆكۈمەتنىڭ كەڭچىلىكى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىنى تەرەققىي قىلىشتا غوجەخمەت ئاكىنىڭ ئەمگەكلىرى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى پۈتكۈل ئۇيغۇرشۇناسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەرەپتىكى تىلشۇناس ئالىملار بۈگۈن پۈتكۈل كۈچى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى ھىمايە قىلىشقا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت