ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتى قىززىق تېمىغا ئايلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.02.11
donald-trump.jpg ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دونالد ترامپ سايلام جەريانىدا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 8-نويابىر، نيۇ يورك.
AFP


بۈگۈن خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكى قىززىق تېما سۈپىتىدە كەڭ تارقىتىلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 10-فېۋرال كۈنى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تارالغان خەۋەرلەردە، ترامپىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ «بىر جۇڭگو سىياسىتى» نى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى تەشۋىق قىلىندى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، خىتاي باياناتچىسى لۇ كاڭمۇ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ نۇقتىنى دەلىللىدى.

مۇخبىرلار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكى يىغىندا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىدىن ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدىكى مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل تېمىلاردا سوئاللار سورىغان. بەزىلەر ھەتتا «تېلېفوننى ترامپ شى جىن پىڭغا ئۇردىمۇ ياكى شى جىنپىڭ ترامپىغا ئۇردىمۇ؟» دەپ سورىغان، بۇ ھەقتە لۇ كاڭنىڭ بەرگەن جاۋابى مۈجىمەل بولغان. ئۇ سۆزىدە، پەقەت ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتە كېلىشىپ سۆزلەشكەنلىكىنىلا ئەسكەرتىپ، كىمنىڭ تېلېفون ئاچقانلىقىنى ئوچۇقلىمىغان.

بۈگۈن خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدە كەڭ تارقىلىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدا ترامپىنىڭ خىتاينىڭ «بىر جۇڭگو سىياسىتى» نى ھىمايە قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان بولۇپ، ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى خىتاينىڭ ئىرادىسىگە بېقىپ بەلگىلىمەيدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان شەكىلدە نۇتۇقلار سۆزلىگەن ئىدى. بۈگۈنكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا س ن ن مۇخبىرىنىڭ «بىز ئاقساراينىڭ باياناتىدا تىلغا ئېلىنغان شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى ھىمايە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. ئەمما، خىتاي تەرەپنىڭ باياناتىدا بۇنداق بىر مەزمۇن يوق. ترامپ قانداق ئەھۋال ئاستىدا بىر جۇڭگو سىياسىتىنى تىلغا ئالدى؟ خىتاي تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتىنىڭ شەرتى قىلدىمۇ-يوق؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇ كاڭ «سىز چوقۇم ناھايىتى ئېنىق بىلىسىز. بىر جۇڭگو سىياسىتى بولسا، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىش، جۇڭگو، ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخبارات پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى شۇنداقلا جۇڭگو تەرەپنىڭ تەۋرەنمەس مەيدانى. پرېزىدېنت ترامپ تېلېفون سۆھبىتىدە ئامېرىكىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز بۇنى ماختىدۇق» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ بۈگۈن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىدە «بىر جۇڭگو سىياسىتى» نى ھىمايە قىلغانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ترامپنىڭ خىتايغا بولغان قاتتىق قول پوزىتسىيەسى ئۇيغۇرلاردا مەلۇم دەرىجىدە ئۈمىدلەرنىمۇ شەكىللەندۈرگەن ئىدى. يەنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا ئۈنۈملۈك بېسىملار ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىن، دەيدىغان قاراشلارمۇ پەيدا بولمىغان ئەمەس.

گېرمانىيەدىكى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ترامپنىڭ بۈگۈن بىر جۇڭگو سىياسىتىنى ھىمايە قىلغانلىقىدىن ئەجەپلەنمىگەنلىكىنى، ھەر دۆلەتنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە كۆرە ئىش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، ئامېرىكىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا بىر جۇڭگو سىياسىتىنى ئىتىراپ قىلمىغان تەقدىردە، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن سۆز ئېچىشنىڭ قېيىنلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىراق ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزۈش زامانىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى، دۇنيادا كۈنسېرى ئېغىر خەۋپكە يولۇقۇۋاتقان ئامېرىكا مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېگىشلىك تەدبىرلەردە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي توقۇنۇش كېلىپ چىققان تەقدىردە، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگە مەنپەئەتى تىگىدىغانلىقىنى، بىراق ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ رەسمىي دۈشمەنلىشىش ئېھتىمالىنىڭ ئازلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ھەر ئىككى دۆلەتنى ھالسىرىتىدىغان بولغاچقا، مۇمكىن قەدەر ئۇرۇشتىن ئۆزلىرىنى يىراق تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

<http://www.china-botschaft.de/chn/fyrth/t1437497.htm>

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.