«تۈرك فېدېراتسىيونى» يىغىنىدا «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.02.25
turk-federatsiyoni-yighin-uyghur-mesilisi-1.jpg «تۈرك فېدېراتسىيونى» يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى «جازا لاگېرلىرى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەرمەكتە. 2019-يىلى 23-فېۋرال، گېرمانىيە. «تۈرك فېدېراتسىيونى»
RFA/Ekrem

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋروپادىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمىسى ھېسابلىنىدىغان «تۈرك فېدېراتسىيونى» دەپ ئاتالغان تۈرك تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەردى.

23-فېۋرال د ئۇ ق تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن 6 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا ۋەكىل «تۈرك فېدېراتسىيونى» تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھە شەھىرىگە بېرىپ، «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەرگەن.

بۇ يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق تەتقىقات كومىتېتى مۇدىرى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا 15 تۈرك تەشكىلاتىدىن 800 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

يىغىندا «تۈرك فېدېراتسىيونى» رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى سەھنىگە تەكلىپ قىلىنغاندا، ئۇ سۆزىنى ئالدى بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ياردەم ۋە ھېسداشلىقلىرىغا رەھمەتلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن باشلىغان. ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ «تۈرك فېدېراتسىيونى» ۋە باشقا تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن د ئۇ ق غا زور ياردەملەردە بولۇش ۋەدىلىرىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا د ئۇ ق قۇرۇلتاي فوندىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىندا سۆز ئالغان تۈرك رەھبەرلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك بولغانلىقىنى، يىغىن ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە ياردەمدە بولۇش ئىستەكلىرىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا تۈرك تەشكىلاتلىرى بۇندىن كېيىن د ئۇ ق بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ «جازا لاگېرلىرى» نى تاقىتىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئورتاق ھەرىكەت قوزغاش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرگەن.

ئالدىنقى كۈنلىرى د ئۇ ق رەھبەرلىرى تەكلىپكە بىنائەن گېرمانىيەنىڭ كۆلن، فرانكفۇرت، بېرلىن، ميۇنخېن قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ باش شىتابلىرىنى زىيارەت قىلىپ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا ئۆزئارا سۆھبەتلەردە بولغان ھەمدە «شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق مۇنبىرى» قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇنبەرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈرك ۋە باشقا ئىسلام تەشكىلاتلىرى ھەمدە خەلقئارادىكى ھەرساھە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەزا بولۇپ كىرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان «جازا لاگېرلىرى» نى تاقىتىش يولىدا ئورتاق كۈرەش دولقۇنى قوزغايدىكەن.

ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈرك تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا قىلغان سۆزلىرى ناھايىتى ھاياجانلىق بولۇپ، ئۇلار نۇتۇقلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى زۇلۇملىرىغا سەۋرى-تاقەتلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ تۈرك مىللەتچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ زۇلۇمغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلىشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.