ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 4 -كۈنىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم قاتناش بېكەتلىرىدە ئۈرۈمچىگە بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ ئىككى كىنىشكىسى يېنىدا بولۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان. مەزكۇر خەۋەرلەردە، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەت باشلىقلىرى يىغىننىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى زۇمرەت خانىم، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۈرۈمچىدىن سىقىپ چىقىرىشتىكى مەقسىتى يالغۇز بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلىرى، جۈملىدىن سودا-تىجارەت ۋە مۇلازىمەت يوللىرىنى ئۇيغۇرلاردىن قىزغىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.