تۇردى غوجا: «ئامېرىكىدىكى ياش تەشكىلاتىمىز رىقابەت ئىچىدە يەنىمۇ كۈچلەنگۈسى»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.11.19
uaa-xitay-diniy-cheklime-yighin.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رايبورن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 29-ماي، ۋاشىنگتون.
RFA

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوننى مەركەز قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى» يېقىندا 15 يىللىقىنى قۇتلىدى. ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىللىق داۋاسىدىكى پائالىيەتچان بىر سىياسىي تەشكىلاتتۇر. 2004-يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» غا مەخسۇس فوند ئاجرىتىشى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى، يەنى ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بۇ فوندنىڭ ياردىمى بىلەن سىستېمىلىق، قەرەللىك ھالدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى، تۈرلۈك بېسىملار ھەققىدە پاكىتلىق ئۇچۇر توپلاپ دوكلاتلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر ۋە ماتېرىيال ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسىنى تىكلىگۈچىلەردىن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ 2000-يىلدىن 2002 يىلغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن، بىرلەشمىنىڭ سابىق رەئىسى تۇردى غوجا ئەپەندى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى، نىشانى ۋە ئالدىدىكى رىقابەتلەر ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ تۇردى غوجا ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.