يېقىندا يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ قىزىق نۇقتىلار ھەققىدە بەس مۇنازىرە پروگراممىسىدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقى ھارپىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن بىر قانچىلىغان چاتما توقۇنۇشلار مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە بەس مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى. پروگراممىغا ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ئەپەندى بىلەن خىتاي سىياسىي ئوبزورچىسى چېڭ پوكۇڭ ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان.
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۇنىۋېرسال ۋەزىيىتىگە قانداق باھا بېرىۋاتقانلىقىنى كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە چېڭ پوكۇڭ ئەپەندىنىڭ سىياسىي مۇلاھىزىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.