«ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟» ناملىق كىتابنىڭ 3-4-توملىرى تۈركىيىدە نەشردىن چىقتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.02.19
uyghur-orni-kitab-sidiq-haji-rozi-turkiye-2017.jpg «ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟» ناملىق كىتابنىڭ 3-تومى
RFA/Erkin Tarim

تونۇلغان ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى يازغان «ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟» ناملىق ئەسەر ئىستانبۇل تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ كىتاب جەمئىي 4 تومدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 3-4-تومى 2-ئاينىڭ ئاينىڭ 17-كۈنى تۈركىيىدە رەسمىي تارقىتىلىشقا باشلىدى.

بۇ ئەسەرنىڭ 3-تومىنىڭ بېشىدا سىدىق ھاجى روزىنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەتراپلىق تەرجىمھالىغا ئورۇن بېرىلگەن. كىتابقا تونۇلغان ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى يازغان 77 پارچە ئوبزور كىرگۈزۈلگەن. كىتاب 257 بەت بولۇپ، مەزكۇر كىتابتىكى ماقالىلەر ئاپتورنىڭ 1999-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يازغان ئەسلىمە، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە تەھلىل ۋە ئاپتور ئۆزى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يېزىلغان ئوبزورلار ۋە سىياسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماقالىلىرىدىن ئىبارەت.

«ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟» ناملىق كىتابنىڭ 4-تومى 260 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مەزكۇر كىتابقا ئوبزورچى سىدىقھاجى روزىنىڭ 2002-يىلىدىن 2005-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى رابىيە قادىر خانىم تۈرمىدىن چىقىپ ۋاشىنگىتونغا بېرىپ بالا-چاقىلىرى بىلەن جەم بولغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتى بىلەن ئاخىرلاشقان 107 پارچە ئوبزورى كىرگۈزۈلگەن.

بىز كىتاب ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنى نەشر قىلغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇر كىتابخانىسىدا ئىشلەۋاتقان مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى ۋە سىدىقھاجىنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان سابىق ئوقۇتقۇچى ۋولقان بۇغرا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتى ھەققىدە توختىلىپ، 1999-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە ئۇيغۇرلار ۋە رابىيە قادىر خانىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولغان ۋەقەلەرگە ئوخشاش مەسىلىلەر ۋە بىلىنمىگەن بەزى مەسىلىلەرنى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىقى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىگە كىرىشتىن بۇرۇنقى ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىسى بولۇشنى خالىغانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى سىدىقھاجى روزىنىڭ يېڭى چىققان كىتابىنى ئۇيغۇر كىتابخانىسىدا سېتىشقا باشلىغانلىقىنى، مەزكۇر كىتابنىڭ 1-2-توملىرىنىڭمۇ سېتىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

«ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟» ناملىق كىتابنىڭ 4-تومى
«ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟» ناملىق كىتابنىڭ 4-تومى
RFA/Erkin Tarim

ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋولقان بۇغرا ئەپەندىمۇ بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئۆز تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى زەيتىنبۇرنۇدىكى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

جېلىل تۇران ئەپەندى «ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟» ناملىق ئەسەرنىڭ 1-2-توملىرىنىڭ 2010-يىلىدا نەشر قىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقىتىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.