«ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى» نى ئۆگىتىشمۇ ياكى ئۇيغۇرلارغا «ھەيۋە» كۆرسىتىشمۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.09.11
dilber-yunus-senuber-tursun.jpg خەلقئارادا تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشىچى دىلبەر يۇنۇس بىلەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر خەلق ناخشىچىسى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ بىرلىكتە ناخشا مەشىق قىلىۋاتقان بىر ۋىدىيوسىدىن ئېلىنغان.
Social Media

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپتە تۇتۇشقا تىرىشىۋاتقان كۈنلەردە، تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشىچى، فىنلاندىيە پۇقراسى دىلبەر يۇنۇسنىڭ خىتاي سەھنىسىدىن ۋاز كەچمەي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ماسلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندا فېيىسبۇك ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا، خەلقئارادا تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشىچى دىلبەر يۇنۇس بىلەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر خەلق ناخشىچىسى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ بىرلىكتە ناخشا مەشىق قىلىۋاتقان بىر ۋىدىيوسى كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان. مەزكۇر ۋىدىيودا نامايان بولغان غەربچە ئوپېرا ئۇسلۇبى بىلەن ناخشا ئېيتىشتا نام چىقارغان ناخشىچى دىلبەر يۇنۇسنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن خىتاي تىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىگەن ھالدا، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئۆز ئۇسلۇبى ۋە پۇرىقى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان سەنۇبەر تۇرسۇنغا ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى قانداق ئېيتىشنى ئۆگىتىش مەنزىرىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپلىگەن مۇنازىرىلەر ۋە غۇلغۇلا قوزغىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەخمۇت خانىم فېيىسبۇك ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىنىۋاتقان بۇ ۋىدىيونى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، غەربچە ئۇسلۇبتىكى ئوپېرا ناخشىچىسى دىلبەر يۇنۇسنىڭ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى كەسپىي سەۋىيە جەھەتتىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇنى قانداق شەكىلدە تېخىمۇ پۇراقلىق، تولۇق نامايان قىلىپ ئېيتىشنى، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ لەرزان ۋە ياڭراڭ ئاۋازى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ كېلىۋاتقان كەسپىي ناخشىچى، سەنئەتكار سەنۇبەر تۇرسۇنغا ئۆگىتىشى تولىمۇ كۈلكىلىك ئىكەن. ئۇ ئۆز پىكرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇ ۋىدىيودا دىلبەر يۇنۇسنىڭ سەنۇبەر تۇرسۇنغا ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئۆگىتىشىنىڭ ئارقىسىغا شەك-شۈبھىسىزكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ناخشا-مۇزىكىلىرىغىمۇ چات كېرىپ، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشتەك ئۆز كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقى يوشۇرۇنغان.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلىدىن بۇيان باشلانغان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي ئاتموسفېرا ۋە ئېغىر سىياسىي ۋەزىيەت مەزگىللىرىدىمۇ دىلبەر يۇنۇس بېيجىڭدا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە كونسېرت بېرىپ كەلگەن. ھەتتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر ۋەقەلەردىن بىرى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ خىتايدا بىر مەيدان ئويۇن قويغانلىقى خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولغان بولۇپ، دىلبەر يۇنۇسنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.

ئىسرائىلىيەدىكى خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، مەزكۇر ۋىدىيودىكى كۆرۈنۈشلەردىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋاتقان ۋە چەت ئەللەردە ياشاپ تۇرۇپمۇ، ئۇلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا قېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ روھىي-پىسخىك ھالىتى ۋە مەۋقەسىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە يۈزەكى نۇقتىدىن قارىغاندا، بىز بۇ يەردە بىر كىشىنىڭ ئائىلىسىگە، ھەتتا دوستلىرىغا، ياكى ئۆزىگە خىيانەت قىلىپ، زالىم ۋە مۇستەبىت زىيانكەشلىك قىلغۇچى ھۆكۈمرانلارنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدى دەپ ئويلايمىز. شەك-شۈبھىسىزكى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئېغىر ۋەزىيەت ئاستىدا قالغان شارائىتتىمۇ ئۇلارنىڭ ئىزچىل خىتاي تەشۋىقاتىغا قاتنىشىش ۋە بۇ خىل تەشۋىقاتقا ياردەم بېرىشى قارىماققا بىر خائىنلىقتۇر. ھالبۇكى، بۇنداق كىشىلەر ناھايىتى زېرەك بولۇپ، بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدىكى تۈزۈلمە سىستېمىسىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىپ، ئۇنىڭ بىر شېرىكىگە ئايلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت دۇنياسىدا، مەيلى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خىتايلار ئارىسىدا بولسۇن، نۇرغۇن جايلاردا بۇنداق كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيمىز، چۈنكى بۇمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە.»

يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىمنىڭ قارىشىچە، دىلبەر يۇنۇسنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئىزچىل ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماددىي-مەنىۋى ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ ياشاشتەك ئارقا كۆرۈنۈشلىرى، ئۇنىڭ دەل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مېڭە يۇيۇش ئىسكەنجىسىگە مەھكۇم بولغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ ناخشىچى ھەققىدە توختالساق، ئۇ ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. بۇ ئاسانلا پىسخىكا جەھەتتىن كونترول قىلىنىدىغان ۋە مېڭىنى يۇيۇپ كېتەلەيدىغان ياش مەزگىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىش تالانتى خىتاي ئوقۇتقۇچى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن. ھەمدە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىمتىيازلىرىدىن بەھرىمەن بولغان. بۇ خىل شارائىتتا بۇنداق كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتى، ئۆز قېرىنداشلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، تەبىئىي يوسۇندا زىيانكەشلىك قىلغۇچى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. ھەتتا ئۆزلىرىدە سەۋەنلىك ۋە خاتالىق بولغانلىقىغا ئىشىنىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇ بۇ زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشىنى توغرا دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى يۈزەكى جەھەتتىن ۋە ياكى شەكىل ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئىچ-ئىچىدىن ئېتىراپ قىلىدىغان ھالەتكە يېتىپ بارىدۇ.»

ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا ھەمنەپەس بولۇۋاتقان دىلبەر يۇنۇسنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى - ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغۇچى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا يانتاياق بولۇشى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى.

«ئېنىقكى، ئۇ خىتاينىڭ تۈرلۈك پايدا مەنپەئەتلىرىگە ئېرىشىپ، خىتاي تەرەپنى تاللىدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋەزىيەتتە ھېچقاچان خەتەر يوق بولغانلىقتىن، ئەركىن ھالدا خىتايغا بېرىپ كېلەلەيدۇ. دېمەككى، ئۇ پەقەت ئۆزىنىلا قوغداشتەك بۇ ‹ئەقىللىق› چارىسى بىلەن ئۆزىنى قوغداپ قالالىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن بارلىق شەرت-شارائىتلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئەمما ئۇ باشقا بىر يولنى تاللىدى. بەلكى، ھېچ بولمىغاندا ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن بۇنى بىخەتەر دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ يول ئۇنىڭ ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ۋە كېلەچىكى بولغان يولدۇر. شۇڭا ئۇ بۇنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان بولۇشى مۇمكىن.»

يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى دەپ ئاتالغان قەشقەردە تۇغۇلغان دىلبەر يۇنۇس، 1984-يىلى 8-ئايدا خەلقئارالىق «1-نۆۋەتلىك مىريام ھېيلىن خەلقئارا ناخشا مۇسابىقىسى» غا قاتنىشىپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، دۇنياغا تونۇلغان. خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئۇنى «كىرىستال ئاۋاز»، «خىتاي بۇلبۇلى» دەپ تەرىپلەنگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ «ۋەتىنى» ئۈچۈن، «خەلقى» ئۈچۈن ناخشا ئېيتىشىنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىپ كەلمەكتە. ۋاھالەنكى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان فىنلاندىيە ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ناخشىچىسى بولۇپ كېلىۋاتقان دىلبەر يۇنۇس ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ بېيجىڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزىنىڭ ناخشا كېچىلىكى ۋە كونسېرتلىرىنى بېرىپ كەلگەن، تۈرلۈك سەنئەت كېچىلىكلىرىگە قاتناشقان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى خەلق تىياتىرخانىسىدا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن.

سۆھبىتىمىزگە داخىل بولغان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخىي ۋە ئۇيغۇر كىملىكى يوق قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك زۇلمەتلىك كۈنلەردە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن ياشاۋاتقان ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىشقا ھەسرەت قېلىۋاتقان پەيتتە، دىلبەر يۇنۇسقا ئوخشاش تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكارنىڭ خىتايغا يانتاياق بولۇشى بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىقتۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.