ئەركىن ئالىپتېكىن: خىتاي ئۇيغۇرلارغىمۇ، تىبەتلىكلەرگىمۇ ھەقىقىي ئاپتونومىيە بەرمەيدۇ
2015.08.26

خىتاي ئاخباراتى 25-ئاۋغۇست ماقالە ئېلان قىلىپ، تىبەتلىكلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ «ئوتتۇرا يول» تەلىپىنى خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ مەڭگۈ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرگەن.
ب ب ك خىتايچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى بىرلىكسەپ ئاخبارات ۋاسىتىسىدە، سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئاخىرلاشقان خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ 6-نۆۋەتلىك تىبەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «14-دالاي گۇرۇھىغا قانداق قاراش» تېمىسىدا مۇزاكىرە بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ماقالىدا دالاي لامانىڭ دۆلەتنى پارچىلاش ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، ئەمما تاكتىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، دالاي لامانىڭ «ئوتتۇرا يولى» تىبەتنىڭ خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، بەلكى تىبەتنىڭ 1950-يىلىدىن ئىلگىرى مۇستەقىل بىر دۆلەت بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بېكىتىلگەن پرىنسىپلارغا قارشى تۇرىدۇ، تىبەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى قوبۇل قىلمايدۇ، خىتاينىڭ مەمۇرىي رايونلار پىلانىنى قوبۇل قىلمايدۇ، تىبەت بىلەن سىچۈەن، يۈننەن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق تىبەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن مەمۇرىي رايون قۇرۇشنى، خىتاي زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ماقالىدە يەنە ئاتالمىش ئوتتۇرا يول ماھىيەتتە بۆلگۈنچىلىكتىن ئىبارەت بولغان بىر سىياسىي تەلەپ، مەركىزى كومىتېت بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ قوبۇل قىلمايدۇ، دېيىلگەن.
«ئوتتۇرا يول» سىياسىتىنى 1984-يىلى دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مەزمۇنى؛ تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كېچىپ، دىئالوگنى تەشەببۇس قىلىش، تىبەتنىڭ خىتاي رامكىسى دائىرىسىدە ھەقىقىي ئاپتونومىيىگە ئېرىشىشىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت.
دالاي لامانىڭ «ئوتتۇرا يول» سىياسىتىنىڭ غايىسى ۋە ئەمەلىيىتى ھەققىدە نىسبەتەن مول مەلۇماتى بولغان ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختىلىپ، تىبەتلىكلەر تەلەپ قىلىۋاتقان ئالىي ئاپتونومىيىنىڭ ئەسلىدە مۇستەقىللىقنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىدى. ئۇ سۆزىدە، دالاي لاماغا ئەينى يىللىرى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىمۇ «ئۈچ ئەپەندىلەر»نىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى، مەيلى ھازىرقى ياكى بۇرۇنقى خىتايلار بولسۇن، ھېچ بىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنى ۋە تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە بەرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يەنە، ئەينى يىللىرى جاڭ كەيشىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسى قوماندانلىرىغا ئۇيغۇرلارغا ئالىي ئاپتونومىيە بېرىشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى.