ئۇيغۇر ۋەتىنى پەلەستىنگە ئوخشىمايدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2014.08.12
xoten-saqchi-herbiy-mukapatlash.jpg «تېررورچىلار» نى تۇتۇشتا تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا ئامانلىقنى قوغداۋاتقان قوراللىق كۈچلەر. 2014-يىلى 3-ئاۋغۇست، خوتەن.
AFP

28-ئىيۇل يەكەندىكى باستۇرۇشلار چەتئەللىك سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ تۈرلۈك مۇلاھىزە ۋە قاراشلىرىغا سەۋەب بولۇپلا قالماستىن، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلاردىمۇ پەرقلىق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى. يەكەندىكى 28-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئەلۋەتتە، خىتايدا ئەركىن مۇنازىرىگە ھېچ ئورۇن بولمىسىمۇ، چەتئەل ئاخبارات قاناللىرىدا خىتايلارنىڭ بۇ خۇسۇستا ئەركىن پىكىر بايان قىلىشىغا توسالغۇ يوق. بەزى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئەسەبىي ئىدىيىسى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋقەسى پۈتۈنلەي بىردەك بولماقتا.

فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ مۇنازىرە مۇنبىرىدە 6-ئاۋغۇستتىن بۇيان 28-ئىيۇل يەركەن ۋەقەسى ھەققىدە مۇنازىرە قانات يېيىۋاتىدۇ. «شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى قانداق شەرھىلەش كېرەك» دېگەن تېما ئاستىدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ مۇنازىرىگە پىكىر قاتناشتۇرۇۋاتقان خىتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇپ تاشلاش تەشەببۇسىدا بولماقتا. بەزى خىتايلار «ئۇيغۇرلارنى ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەرنى قىرغاندەك قىرىپ تاشلاش كېرەك» دېسە، بەزىلىرى «ئامېرىكىلىقلار تارىختا ئىندىئانلارنى قىرغاندەك قىرىپ تۈگىتىۋېتىش كېرەك» دېيىشمەكتە. يەنە بەزىلىرى «ۋاڭ جىننىڭ يولىنى تۇتۇش كېرەك، ۋاڭ جىن ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنى شەپقەتسىز قىرىپ تاشلاش ئارقىلىق رايوندا مۇقىملىق بەرپا قىلغانىدى» دېيىشمەكتە.

بۇ خىل تەشەببۇستىكى خىتايلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يولغا قويۇۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ھەم قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى تامامەن قوللاش تەرەپدارلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىكرىچە، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى، بۇ زېمىندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈش كېرەك. يەكەن ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خىتايلارنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دەھشەتلىك قىرغىن ئېلىپ بېرىش كېرەك.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بۇ خىل كۆز قاراشلارغا رەددىيە بېرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسا، بۇ خىتايلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن مېڭىسى يۇيۇۋېتىلگەن ماڭقۇرتلار ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدا قەستەن پەيدا قىلىۋاتقان مىللىي ئۆچمەنلىك سىياسىتىگە قۇربان بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپلۇقى ۋە بۇ ۋەتەننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن تاجاۋۇز بىلەن بېسىۋېلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۈگىتىۋېتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، يازمىلىرىدا شۇنداق بايانلارغا ئورۇن بەرگەن:
-خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزنى تاجاۋۇز بىلەن بېسىۋالغانلىقى بىر ھەقىقەت. بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى، مىللىي مائارىپ ھوقۇقىمىزنى تارتىۋالغانلىقى بىزنىڭ تىنىمسىز كۈرەش قىلىشىمىزغا سەۋەب بولۇۋاتقان نېگىزلىك ئامىل. كۈرىشىنى توختاتمىغان مىللەت يوقالمايدۇ. بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس، بەلكى سۈكۈت ئىچىدە يوقىلىدۇ.

بىراق، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىدە قەتلىئامغا ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قىرغىن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدىن كۆپ بولسىمۇ، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ۋەقەنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدەك كەڭ تەشۋىق قىلىنمىغانلىقىنى ھەمدە دېگەندەك زور تەسىر قوزغىيالمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا. د ئۇ ق تەشۋىقات-نەشرىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى يەكەندىكى قىرغىنچىلىق بىلەن پەلەستىندىكى قىرغىنچىلىقنى سېلىشتۇرۇپ، يەكەن ۋەقەسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ تونۇلماسلىقىغا خىتاينىڭ ئاخباراتنى يۈكسەك دەرىجىدە قامال قىلىشى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، پەلەستىن بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەرقى ئۈستىدە توختىلىپ، پەلەستىننىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا كۈچلۈك ئارقا تىرەككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن بولۇۋاتقان ياردەملەرنىڭ بولسا ئىنتايىن چەكلىكلىكىنى، ھەتتا يوق دېيەرلىك بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇش بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ خام خىيالىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان زور قارشىلىقلارنى ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەمما، يەكەن ۋەقەسى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار غەرب ئاخبارات قاناللىرىدا داۋاملىق تىلغا ئېلىنماقتا. ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يەكەن ۋەقەسى ھەمدە ئۇيغۇر ئىلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، دىنىي بېسىملار، ئىنسانىي ھوقۇق چەكلىمىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئېشىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.