خىتاينىڭ چاغانلىق تەشۋىقاتىغا ھەمدەم بولغان «ئارتىسلار» غا نېمە دېگۈلۈك؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.02.15
xitay-chaghan.jpg 2023-يىللىق خىتاي چاغىنى ھارپىلىرىدا تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارغا مەسنەۋى چاپلاشنى ئۆگىتىۋاتقان كۆرۈنۈش.
Social Media

خىتاينىڭ بۇ يىللىق چاغان بايرىمىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانات يايدۇرغان چاغانلىق تەييارلىق پائالىيەتلىرى ۋە چاغان مەدەنىيىتىنى كەڭ-كۆلەملىك تەشۋىق قىلىشنىڭ پەۋقۇلئاددە كۈچىيىپ كەتكەنلىكى مەلۇم.

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاخبارات تورى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى «رازىمەنلىك» بىلەن قوبۇل قىلىپ، چاغاننى داغدۇغىلىق تەبرىكلەۋاتقانلىقى «نورماللاشتۇرۇلغان» جەمئىيەت كارتىنىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭغا دائىر سۈرەتلىك ياكى ۋىدىيولۇق خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدە بولسۇن ۋە ياكى چەتئەللەردە بولسۇن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى چاغانلىق تەشۋىقات ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقى كۆرۈلگەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەشۋىقاتلار ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىلىرىدىن بىرى بولۇپ، خىتاينىڭ نىشانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى يوقىتىش، قالغان قىسمىنى بۇ خىلدىكى خىتايلاشتۇرۇش يولى ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مەدەنىيىتىنى، خىتاي بايرىمىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشكە باشلىغان.

كىچىك بالىلار تەزىم قىلىپ چاغانلىق قىزىل بولاق ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈش.(ۋاقتى ئورنى ئېنىق ئەمەس)
كىچىك بالىلار تەزىم قىلىپ چاغانلىق قىزىل بولاق ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈش.(ۋاقتى ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Open Domain

خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر رايونىدا چاغانلىق پائالىيەتلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي كاپالەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، بىر قىسىم ئۇيغۇر «تور ئارتىسلىرى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشىغا «ئورتاق» بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ھادىسىنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىنى پاش قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى؛ شۇنىڭدەك بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا سەگەك بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg)
ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg)
poetryproject.org

گېرمانىيەدىكى ئىنسانشۇناس پەنلىرى دوكتورى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور رۇنى ستېنبېرگ(Rune Stenberg) چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە خىتاينىڭ «دوۋيىن» سۇپىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن قىسقا ۋىدىيولارغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاپ، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتىنى پۇختا ئۆگەنگەن بىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ۋىدىيولاردىكى كۆرۈنۈشلەرنى__ يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە كىيىنىپ، خىتايچە سۆزلەپ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلىشى، بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن تارتىپ بالىلىرىغىچە ئۆز ئۆيىدىمۇ خىتايچە سۆزلىشىپ، خىتاينىڭ چوتكا قەلىمىدە مەسنەۋى يېزىپ ئىشىكلىرىگە چاپلىشى، خىتاي بالىلىرى بىر قازاق ئائىلىدىن چاغانلىق ھال سوراپ كەلگەندە ئۇ ئائىلىنىڭ بالىلىرىنىڭمۇ خىتاي بالىلار بىلەن تەڭ ئاتا-ئانىسىغا خىتايچە باش ئېگىپ تەزىم قىلىپ ھېيتلىق پۇل (红包) ئېلىشى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ناھايىتى ئازابلانغان. ئۇ، بۇ ھادىسىلەرنىڭ بىر مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ بىر پارچىسى ۋە سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

كۆزىتىشىمىزچە، بىر قانچە يىلدىن بۇيان چاغانلىق تەشۋىقات ئويۇنلىرىغا قاتناشقان «تور ئارتىسلىرى» نىڭ ئىختىيارى ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالى بولۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىيىتىنى ئىنكار قىلىشىغا داۋاملىق يانتاياق بولۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋاسىتە قىلغان بۇنداق كەڭ دائىرىلىك تەشۋىقاتىنىڭ ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.