ئامېرىكىلىق ئورتا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى، جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمېس مىلۋارد يېقىندا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى چوڭ مەسىلىسى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلغان.
جېيمېس مىلۋاردنىڭ مەزكۇر ماقالىسى «لوس - ئانجېلېس كىتاب ئوبزورى» ژۇرنىلىنىڭ 28 - مايدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ بۈگۈنكى خىتايدىكى بۇ ئىككى چوڭ مەسىلىنى - تېررورىزم ۋە پۇقرالار ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدىن تەھلىل قىلغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىككى مەسىلىسى بار. ئۇنىڭ بىرى تېررورىزم، يەنى 22 - ماي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق بومبا ۋە ئاپتوموبىل ھۇجۇمى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يەنە بىرى، پۇقرالار ھوقۇقى مەسىلىسى، يەنى بۇ 20 - ماي كۇچانىڭ ئالىقاغا بازىرىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ نامايىشى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇنچە قوزغىيالمىدى.»
جېيمېس مىلۋارد ماقالىسىدە يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: «يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ جىھاد ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىكى مۇمكىنچىلىكى ۋە "ئەل - قائىدە" تىپىدىكى گۇرۇپپىلار بىلەن بولغان يوشۇرۇن باغلىنىشلىرى ھەققىدە بەزى غەيرىي - رەسمىي گەپلەر بولۇندى. "11 - سېنتەبىر ۋەقەسى" يۈز بېرىپ بۇش ھۆكۈمىتى تېررورىزمغا قارشى دۇنياۋىي كۈرەش دولقۇنىنى قوزغىغاندىن كېيىن، جۇڭگو بۇ ئېقىمدىن پايدىلىنىپ بىر كېچىدىلا شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىگە يېڭىدىن ئىسىم قويۇشقا باشلىدى. ئىلگىرى "مىللەتچى"، "ئەكسىلئىنقىلابچى" ۋە "پانتۈركىست" دېگەن ناملار بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇرلار ئەمدىلىكتە "دىنىي رادىكال" ۋە "تېررورچى" دېگەن يېڭى ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى. يەنى ھازىر ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىيەتلىك نۇقتىئىينەزەرلىرىگە قارىغاندا، جىھاد ۋە دىنىي جەھەتتىكى قوزغىتىش كۈچى بەكرەك تەكىتلىنىدىغان بولدى.»
«2008 - يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نى ئۆز ئىچىگە ئالغان زورلۇق كۈچ ئىشلىتىلگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك "تېررورلۇق" بىلەن ئەيىبلەيدىغان بولدى. ھالبۇكى، سىرتتىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بەلكى بۇلارنىڭ خۇددىي ئامېرىكىنىڭ 1960 - يىللىرىدىكى ئىرقىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئوخشايدىغانلىقىنى، تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار ياكى جىھادنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار تەرىپىدىن قۇترىتىلغان ھادىسىلەر بولماستىن، بەلكى رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكىي سۈركىلىشنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.»
جېيمېس مىلۋارد ئۆز ماقالىسىدە يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە "تېررورلۇق" خاراكتېرىنى بەرمىدى دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. جۇڭگو ئەمدى بۇ نۇقتىدا ئارزۇسىغا يەتكەندەك تۇرىدۇ، يەنى ئاقساراي باياناتچىسى جېي كارنېي 22 - ماي بەرگەن باياناتىدا ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىنى "تېررور" سۆزىنى ئىشلىتىپ ئەيىبلىشى جۇڭگونى بۇ مەسىلىدە خاتىرجەم قىلغاندەك كۆرۈنمەكتە.»
ئۇ ماقالىسىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ: «مېنىڭ 1990 - يىللاردىكى كۆزىتىشىمچە، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل شۇ يەردە ياشىغان خەنزۇ ئاھالىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يامان ئەمەس ئىدى. ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تېز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كۆپلىگەن خەنزۇ كۆچمەنلەر مەزكۇر رايونغا ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كېلىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن مىليونلىغان يېڭى كەلگۈچىلەر ئارىسىدا سۈركىلىش ۋە جىددىيچىلىك تۇغۇلدى. گەرچە شەھەرلەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۇرۈلگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، رايوندىكى ئومۇمىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي پۇرسەتلەردىن بەھرىمان بولۇشى ھامان خەنزۇلاردىن تۆۋەن بولۇپ كەلدى. نۇرغۇن بايانلار، بولۇپمۇ ھۆججەتلەر ئارقىلىق دەلىللەنگەن بىر قىسىم ئەھۋاللار شۇنى كۆرسەتتىكى، خەنزۇلار ئىگىدارچىلىقىدىكى شەخسىي شىركەتلەردىلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيەسى تەۋەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئوچۇق - ئاشكارا كەمسىتىش مەۋجۇت بولماقتا.»
جېيمېس مىلۋارد ماقالىسىدە يەنە مۇنۇلارنى كۆرسىتىدۇ: «ئۇيغۇرلارنى تېروورلۇققا باغلاپ ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقاتلار خەنزۇلاردىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان كوللېكتىپ ئېتنىك تەسىرات بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇلاردا قورقۇنچ ۋە خاتا چۈشىنىش ھاسىل قىلغان. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەنزۇلارنىڭ 9 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ ۋەتەنداشلىرىغا بولغان مۇئامىلىسىنىمۇ زەھەرلىگەن. ئەلۋەتتە، يېقىندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن قورقۇش كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.»
«ئۇنداقتا، پۇقرالار ھوقۇقى مەسىلىسى بىلەن تېررورلۇق مەسىلىسى ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش مەۋجۇت؟ ئۇلار ئۆز - ئارا باغلىنىشقا ئىگىمۇ؟»
بۇ سوئالغا جېيمېس مىلۋارد ماقالىسىدە مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى جۇڭگونىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىغان دېگەننى ئىلگىرى سۈرسە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەگەردە بىز، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە ئاشقۇنلۇق تېررورلۇقنى كەلتۈرۇپ چىقارماقتا دېگەن پوزىتسىيەسىنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە، مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: دائىرىلەر نېمە ئۈچۈن ئىچكىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە دىندىن خالىي مەدەنىيەتلىرىگە قارشى تۇرىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە تالىبان ۋە ئەل قائىدە دېگەن ئۇقۇملار ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن ئەمەسمىدى؟ شۇنداقكەن، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ چەكلىنىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ روزا تۇتۇشى، دوپپا كىيىشى ياكى ياغلىق سېلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ؟»
«مەن جۇڭگو رەھبەرلىرى ۋە ئالىملىرى بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان خاسلىقىدىن بىئارام بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن. يېقىندا بېيجىڭدىكى داڭلىق بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەنزۇ پروفېسسورى جۇڭگودىكى پۇقرالارنىڭ كىملىكىدىن مىللەت دېگەن كاتەكچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىلىق تەكلىپ بېرىپتۇ. 1950 - يىللاردا جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى ئەندىزىسىنى قوبۇل قىلىپ، 55 ئاز سانلىق مىللەتنى ئېتىراپ قىلغان. ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان مىللىي تېررىتورىيەلىك جايلاردا نەزەرىيە جەھەتتىن بولسىمۇ، قىسمەن ھالدىكى "ئاپتونومىيە" گە ئېرىشكەن. بۇ ئۆز ۋاقتىدا جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىغىمۇ كىرگۈزۈلگەن. گەرچە ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ھەقىقىي مەنىدىكى رېئال ئۇيغۇر ئاپتونومىيەسىگە ئېرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ رايونى نامدا بولسىمۇ يەنىلا "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.»
جېيمېس مىلۋارد ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «ئۇيغۇرلار ئوخشاشلا تېررورىزم نەزەرىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئەكس تەسىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا. جۇڭگو ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن يەنە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان ۋاقتىدا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاكتىپ ۋە پاسسىپ ئۈلگىلىرىنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەك؛ تېخىمۇ مۇھىمى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنىمۇ نەزەرگە ئېلىشى كېرەك. جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ئىككى چوڭ ساۋاقنى، يەنى دائىرىلەر كۇچا ئالىقاغا بازىرىدا ياغلىق چەگكەن ئۇيغۇر قىز - ئاياللارنى تۇتقۇن قىلغان ۋە نامايىشچى ئاممىغا ئوق چىقارغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۈرۈمچىدە ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان بومبا ھۇجۇمى تەييارلىقىنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدەك ئاچچىق ساۋاقنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك.»
0:00 / 0:00