كورونا ۋىرۇسى توغرىسىدىكى غەيرىي مەنتىقىلەر
2020.03.24

«كورونا ۋىرۇسىنى كىم، نېمە مەقسەتتە تارقاتتى؟» دېگەن سوئالنىڭ بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان جاۋابلىرى قىزىق تېما بولماقتا.
شەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئاخبارات قاناللىرىدىن بىرى بولغان ز د ف تېلېۋىزىيە قانىلى «كورونا ۋىرۇسى نېمە ئۈچۈن سىياسەتكە ھەمتاۋاق بولىدۇ؟» ناملىق بىر پروگرامما تارقاتتى. پروگراممىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كورونا ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولغان ئورنى ھەم ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان «سىياسىي مۇددىئالار» توغرىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان «ياۋايى سۇيىقەست نەزەرىيىسى» گە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك قاراشلار بايان قىلىنغان. پروگرامما گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ھەمدە كرىستىنې جاكې، يۆرن پەترىڭ، جان كۇھلمان قاتارلىق مۇخبىرلارنىڭ مەلۇماتلىرىنى مەنبە قىلغان.
پروگراممىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كوتتون 1-ئايدىلا كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى بىر بىيولوگىيەلىك تەجرىبىخانىدا يېتىشتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئېھتىياتسىزلىقتىن ياكى قەستەن ھالدا شۇ يەردىن تارقىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ كېڭەش پالاتاسىدىكى سۆزلىرىدە ئىزچىل ھالدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ياكى «خىتاي ۋىرۇسى» دېگەن ئىبارىنى قوللانغان. كورونا ۋىرۇسىنى «خىتاي ۋىرۇسى» ياكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتاش ھازىر خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلانغان. ھالبۇكى، بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىسا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىماقتىكەن. بۇ ئاتالغۇ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى دىپلوماتىك سۈركىلىشلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتىكەن.
پروگراممىدا شەرھىيلىنىشىچە، 2019-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ 2020-يىلى فېۋرالنىڭ ئاخىرلىرىغىچە دۇنيا خەلقى كورونا ۋىرۇسىنى خىتايدىن تارقالدى دەپ قاراپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولغان ئورنىغا بىنائەن دەسلەپتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ياكى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتاپ كەلگەن. كېيىن خىتاينىڭ بۇ خىل ئاتاشقا ئېتىراز بىلدۈرۈشى ۋە مارت ئېيىدا خىتاي دىپلوماتى جاۋ لىجيەن تۋىتتېردا «بۇ ۋىرۇسنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋۇخەنگە ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئامېرىكا بىزگە چۈشەنچە بېرىشى كېرەك،» دەپ يازغاندىن كېيىن ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولغان ئورنىغا نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە گۇمان قوزغالغان.
بۇ گۇمان دۇنيادا كورونا ۋىرۇسىنى تەبىئىي ئاپەت خاراكتېرىدىن ئايرىپ تاشلاش، بەلكى ئۇنى يۈكسەك دەرىجىدە سىياسىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈرلۈك غەيرىي مەنتىقىلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن. كورونا ۋىرۇسىنىڭ نامى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارمۇ بۇ تېمىنى قىزىتقۇچى بىر ئامىل بولغان. بۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرىغا نەزەر سالساق:
خىتاي ۋە ئىراندا كورونا ۋىرۇسىنى «ئامېرىكانىڭ بىيولوگىيەلىك ھۇجۇمى» دەيدىغان قاراشلار باش كۆتۈرگەن. كورونا ۋىرۇسى دەسلەپتە پەيدا بولغان ۋە تېز يامرىغان بۇ ئىككى دۆلەت كورونا ۋىرۇسىنى «ئامېرىكانىڭ خىتايغا ۋە ئىرانغا قارشى ئېلىپ بارغان بىيولوگىيەلىك ھۇجۇمى» دەپ تونۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ شۇنداق تونۇش تارقىلىشقا باشلىغان. چۈنكى خىتاي ۋە ئىران نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى ياكى دۈشمىنىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارچە كورونا ۋىرۇسى ئارقىلىق دۇنيانى تىزگىنلەش ئامېرىكانىڭ پەردە ئارقىسىدىكى بىر سىياسىي مۇددىياسى ئىكەن.
بۇ خىل قاراشنى «ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتى» نىڭ باش قوماندانى ھۈسەيىن سالامى ھەمدە ئىراننىڭ روھانىي داھىيسى ھامىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار ھەر ئىككىسى «بۇ ۋىرۇس ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارىتا بىيولوگىيەلىك ھۇجۇمى بۆلىشى مۇمكىن،» دېگەن. ئىراقمۇ بۇ ۋىرۇس ئىشىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنى جاۋابكار قىلىپ كۆرسەتكەن.
رۇسىيەدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى مىللەتچى ۋلادىمىر شىرىنوۋسكى بىر رادىيو زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كورونا ۋىرۇسىنى «پېنتاگوننىڭ يېڭى بىيولوگىيەلىك قورالى» دېگەن ۋە بۇ ۋىرۇسنى ئامېرىكانىڭ خىتايغا ئايروپىلان ئارقىلىق ھاۋادىن تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
پروگراممىدا بايان قىلىنىشىچە، كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا پەيدا بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈن دۇنياغا زور بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان بولسىمۇ، ئامېرىكاغا دۈشمەنلىك كۆزى بىلەن قارايدىغانلار، خىتاي ۋە خىتاي تەرەپدارى بولغان دۆلەتلەر بۇ خىل ئىغۋالارنى راستقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كورونا ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولۇش ئورنىغا نىسبەتەن گۇمانلارنى كۈچەيتىپ يېڭىدىن يېڭى «ياۋايى سۇيىقەست نەزەرىيەلىرى» نى بارلىققا كەلتۈرمەكتىكەن ھەمدە بۇ بەلگىلىك دائىرىدە بازار تاپماقتىكەن.
پروگراممىدا ئەسكەرتىلىشىچە، «تېررورلۇق تەشكىلات» دەپ قارىلىۋاتقان ئىس، يەنى سۈرىيەدىكى «ئىسلام دۆلىتى» كورونا ۋىرۇسىنى «ئاللانىڭ قورالى» دەپ ئاتىغان. ئۇلار بۇ ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى، خىتاي ھاكىمىيىتى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالغانلىقى، ئىران بولسا شىيە مەزھىپىدە بولۇپ ئىسلامدىن چەتنەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى بۇ ۋىرۇس ئارقىلىق جازالىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى تۈركلەر ئارىسىدا كورونا ۋىرۇسىنى «ئاللانىڭ جازاسى» دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئاز ئەمەسكەن. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىۋاتقان نۇرغۇنلىغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى سىياسەتلەر يۈرگۈزۈپ ئېغىر زۇلۇم سالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى كورونا ۋىرۇسى بىلەن جازالىدى،» دەيدىغان قاراشلار ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ خىل قاراش ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالغان.
د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، قۇرۇلتاي دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمى ئەۋجىگە چىققان بىر مەزگىلدە تارقالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدە ياشايدىغان دىنىي زاتلاردىن ئابدۇشۈكۈر ھاجىممۇ بۇ توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئېغىر زىيانلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
نۆۋەتتە كورونا ۋىرۇسىنىڭ غەرب ئەللىرىدىكى يامراش كۆلىمى ۋە يۇقۇملىنىپ ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپىيىپ بارماقتا. خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ۋىرۇس پەيدا بولغان خىتايدا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بۈگۈن 81454، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 3274 كىشى بولغان. ئەمما ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتىلا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 170 مىڭدىن ھالقىپ، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى يالغۇز ئىتالىيەدىلا 5500 كىشىگە يەتكەن. بۇ سان ۋىرۇسنىڭ ئۇۋىسى بولغان خىتايدىن بىر ھەسسە كۆپ.