ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تېررورلۇقنىڭ كاپىتال مەنبەسى خوتەن قاشتېشى» مۇ؟

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-05-17
Share
xoten-qash-teshi-305.jpg خوتەندىكى كىچىك قاش تېشى بازىرى. 2010-يىلى ئاۋغۇست.
RFA

2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن بۇيان، ۋاڭ داخاۋ ئىسىملىك بىر خىتاي ئانالىزچى «سۇمۇرغ تورى» دىن مەخسۇس بلوگ ئېچىپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى قانداق ئىدارە قىلىش ھەققىدە بىر يۈرۈش ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭ «تېررورلۇقنىڭ كاپىتال مەنبەسى خوتەن قاشتېشى» ناملىق ماقالىسى يېقىندا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىگە قويۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە قوزغىغان.

ئۇنداقتا، ۋاڭ داخاۋ ئېيتقىنىدەك، ئۇيغۇر ئېلىدا تىنىمسىز يۈز بېرىۋاتقان ئاتالمىش «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كاپىتال مەنبەسى» راستىنلا خوتەن قاشتېشىمۇ؟

بىز خوتەن ۋىلايىتىدە قاشتېشى كولاش ھەم قاشتېشى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بىلىش شۇنداقلا ۋاڭ داخاۋ ئېيتقاندەك قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تاپاندىن كېيىن ئاتالمىش «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» نى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلەرنىڭ زادى بار ‏- يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن خوتەندىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.

خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق توساللا يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ئۆزىنىڭ مەزكۇر ساقچىخانىغا يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

بىز ئارقىدىن خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازارلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نۆۋەتچى خادىم ئىلگىرى يۇرۇڭقاش بازىرىدىكى 50-60% كىشىنىڭ قاشتېشى ئىزدەش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى، ھازىر بۇ نىسبەتنىڭ ئازايغانلىقىنى، خوتەندە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر ئىچىدە قاشتېشىغا چېتىلغان دېلولارنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

ۋاڭ داخاۋ مەزكۇر ماقالىسىدە ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمەي تۇرۇپ، «ئۇيغۇر قاشتېشى سودىگەرلىرى ئاللىقاچان بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسلىيەتچىلەر ۋە تېررورچىلارنىڭ كاپىتال يىغىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ بولدى» دەپ يازىدۇ.

بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خوتەن قاشتېشىدىن ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي سودىگەرلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋاڭ داخاۋ ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خوتەن قاشتېشىنىڭ داڭقى ئالەمشۇمۇل، ئۇنى سېتىۋالغۇچىلار ئاساسەن خەنزۇلار. قاشتېشىنىڭ باھاسى ئۆتكەن 30 يىلدا مىڭ ھەسسىدىن ئارتۇق ئۆستى، يەنە ھەسسىلەپ ئۆسۈش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ باي قاتلام ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىچىدە بايلارنىڭ سانى كۆپەيسە ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› نىڭ ئېرىشىدىغان ئىقتىسادىي ياردەم مەنبەسى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بۇزغۇنچىلىق كۈچى تېخىمۇ زورىيىدۇ.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ۋاڭ داخاۋنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «يەرلىك ئاھالىنى نامراتلىقتا قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇزاققىچە ئىدارە قىلىش» ئىستراتېگىيەسىگە يانتاياق بولغانلىق دەپ قارايدۇ.

ئامېرىكىدىكى ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى پەرھات بىلگىن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ ۋاڭ داخاۋ بازارغا سېلىۋاتقان ئاتالمىش نەزەرىيەلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قوزغىغان ھەر قېتىملىق زور ھەرىكەتلىرى ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئالدى بىلەن مەلۇم ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە ئۇيغۇر بايلىرىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان، دەپ قارايدۇ.

ئاخىرىدا ئىلشات ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدىكى ھەققانىي كۈرەشلىرىنىڭ كاپىتال مەنبەسى ھەرگىزمۇ ۋاڭ داخاۋ ئېيتقاندەك «خوتەن قاشتېشى» بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە بولغان قايتماس ئىرادىسى ۋە مىللىي ۋىجدانىدۇر، دەيدۇ.

ئىگىلىشىمىزچە، 2008-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە مۇنبىرىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان خىتاي سىياسىي ئانالىزچىسى ۋاڭ داخاۋ ئارقا كۆرۈنۈشى بىڭتۇەنگە تۇتۇشىدىغان كىشى ئىكەن. ئۇ ھازىر جۇڭگو غەربىي قىسىم چېگرا بىخەتەرلىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرا ساقلاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھەمدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مىللەت ۋە دىن مەسىلىلىرى بويىچە مەخسۇس مۇتەخەسسىسى دېگەندەك قالپاقلار بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت