ۋاڭ يىنىڭ ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدىكى 4 يالغان سۆزى

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.02.20
Wang-yi-AP 60-نۆۋەتلىك ميۇنخېن خەلقئارا خەۋپسىزلىك يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى نۇتۇق سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 17-فېۋرال، ميۇنخېن
AP

ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى 1963-يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ھەر يىلى فېۋرالدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلىدىغان خەلقئارادىكى ئەڭ مۇھىم يىغىنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىغىنغا ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سىياسىيونلار، دۆلەت ئەربابلىرى، ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلار، داڭلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى قاتارلىقلار قاتنىشىپ، خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە ۋە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. 2024-يىلى 16-فېۋرالدىن 18-فېۋرالغىچە ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا پۇتىننىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي رىقابەتچىسى بولغان ئالېكسېي ناۋالنىنىڭ مەزكۇر يىغىن باشلانغان كۈنىدە ئۆلۈپ كېتىشى، ئۇكرائىنا-رۇسىيە مەسىلىسىنى قىزىق نۇقتىغا كۆتۈرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت يىغىندا يەنە ئاۋۋالقى يىلغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، تىبەت قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇھىم تېما بولغان.

ئۆتكەن يىلىدىكى ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىغا خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتنىشىپ، «بىخەتەر دۇنيا بەرپا قىلىش» تېمىسىدا سۆزلىگەنىدى. ئۇ، ئۆز بايانلىرىدا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سوغۇق ئۇرۇش لوگىكىسى بىلەن خىتايغا مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي نىزامىغا بويسۇنۇپ، سوغۇق ئۇرۇش لوگىكىسىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاينى ئەيىبلەشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.

بۇ يىلقى ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا ۋاڭ يى ئۆتكەن يىلدىكىدەك ئەگىتىپ يۈرمەستىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بىۋاسىتە ئاقلىغان.

ئۇ بۇ ھەقتە، بىر قىسىم سىياسىي كۈچلەرنىڭ خەلقئارادا شىنجاڭ مەسىلىسىگە دائىر بەك كۆپ يالغانلارنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى؛ ئاتالمىش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بولسا پۈتۈنلەي يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغان دەسلەپ ۋاقىتتىكى 2مىليوندىن ھازىرقى 12 مىليوندىن كۆپكە يەتكەنلىكىنى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ 30 ياشتىن 75.6ياشقا ئۇزارتىلغانلىقى؛ شىنجاڭدا ھەر 530 مۇسۇلمانغا بىردىن مەسچىت توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ مەسچىتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى پۇل ۋە كۈچ چىقىرىپ سېلىپ بېرىش، ئاسراش ئىشلىرىنى قىلغانلىقى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى ناھايىتى ياخشى قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇنداقتا بىز ۋاڭ يىنىڭ دېگەنلىرىنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى ئەمەلىي مىساللىرىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ باقايلى:

بىرىنچىدىن، ۋاڭ يى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 1953-يىلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكىسىنى كۆزدە تۇتتى دەپ قارىساق، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى 2 مىليون دېيىشنىڭ ئۆزىلا چوڭ خاتالىق. چۈنكى، 1953-يىلى خىتاينىڭ تۇنجى قېتىملىق دۆلەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليون 873 مىڭ 603 كىشى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسى 3 مىليون 640 مىڭ 125 كىشى دەپ ئىستاتىستىكا قىلىنغان. خىتاي نوپۇسى بولسا ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 6 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، قازاقلار بولسا 10 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، قالغان مىللەتلەر بولسا 9 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئىستاتىستىكا قىلىنغان. 

 مەنبەسى : https://www.stats.gov.cn/sj/tjgb/rkpcgb/qgrkpcgb/202302/t20230206_1901986.html

دەرۋەقە، مەسىلە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ نۆۋەتتە 12 مىليونغا «كۆپەيگەن» لىكى ئەمەس، بەلكى خىتاي نوپۇسىنىڭ قانداق قىلىپ 250 مىڭ ئەتراپىدىكى نوپۇستىن، بۈگۈنكى 10 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا كۆپەيگەنلىكىدۇر. ئەمما ۋاڭ يى بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن نەزەردىن ساقىت قىلغان.

ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدە مەسچىتلەرنىڭ سانى دەرۋەقە ۋاڭ يى تىلغا ئالغان بىلەن كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ، ئەمما بۇ مەسچىتلەرنىڭ ھېچبىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن سېلىنغان ياكى رېمونت قىلىنغان ئەمەس. ئازراقلا ئىزدىنىدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلىشتىن ئاۋۋاللا 30 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. خىتاي تەتقىقاتچىسى لى شاۋشيانىڭ «شىنجاڭدىكى مەسچىتلەر سانىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە باشقۇرۇلۇش سىياسەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش (新疆清真寺的数量变化及管理政策分析)» ناملىق دوكلاتىدا ئاتالمىش ئازادلىقتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەرنىڭ سانىنىڭ 29 مىڭ 500، دىنىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانى 54 مىڭ 500 كىشى ئىكەنلىكىگە دائىر مەنبە بېرىلگەن. 1950-يىلىغا كەلگەندە بولسا مەسچىتلەرنىڭ سانى 15 مىڭغا، دىنىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانى بولسا 14 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاتالغان ئون يىللىق مالىمانچىلىق مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەرنىڭ سانى 2930 غا چۈشۈپ قالغان.

مەنبە: http://www.shehui.pku.edu.cn/upload/editor/file/20180820/20180820234219_8176.pdf

دېمەك، ۋاڭ يى تىلغا ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ۋە مەسچىت ھەققىدىكى بايانلارنىڭ پۈتۈنلەي يالغانلىقى ئېنىق.

ئۈچىنچىدىن، ۋاڭ يى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ 30 ياشتىن 76.5 ياشقا ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئەمما خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھۆكۈمىتى تور بېتىدە 2005-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى خەلقلەردىن بىرى ئىكەنلىكىگە دائىر ئىستاتىستىكىلىق مەلۇمات بېرىلگەن. مەزكۇر ئىستاتىستىكىدا خىتاينىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى مىسال قىلىنغان. يەنى ئۇ چاغدا خىتايدا 3765 نەپەر يۈز ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ 865 كىشى ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلغان. بۇ سەۋەبلىك ھەتتا خوتەن دىيارى «خەلقئارا تەبىئىي تېبابەت ئىلمى تەتقىقات مەركىزى (国际自然医学会) » تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رايونى دەپ جاكارلانغان.

تۆتىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئۆزى چەكتىن ئاشقان نومۇسسىزلىقتۇر. بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىلغىنىغا خېلى يىللار بولدى. ھەتتا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي ئەۋەتىلىپ، ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىشنىڭ ئۆزىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشنى بالىلاردىن باشلاشتىن ئىبارەت خىتاي ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەلىپى بىلەن ئېلىپ بېرىلىپ كەلدى. شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئارىلاش ئولتۇراق رايونلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇشمۇ، دەرۋەقە ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان ئەڭ تېز سۈرئەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە توپ-توپ قىلىپ ئەۋەتىلىشىنىڭ ئۆزىمۇ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ئۈچۈندۇر. ھەتتا 2020-يىلى خەلقئارا كوممۇنىزم خاتىرە قۇربانلىرى تەتقىقات فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز ئېلان قىلغان «نەنكەي دوكلاتى» دىمۇ، ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قۇم چاچقاندەك چېچىۋېتىش، پەقەت ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئېنىق خاتىرىلەنگەن.

دەرۋەقە، بۇ قېتىملىق ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا ۋاڭ يى تىلغا ئالغان يۇقىرىقى بىر قانچە نۇقتىدىكى بايانلارنىڭ ھەممىسى قىپقىزىل يالغانچىلىق بولسىمۇ، ۋاڭ يى بۇ يالغانچىلىقلارنى ھېچ ئۇيالماستىن خەلقئارالىق يىغىنلاردا بايان قىلدى. ئەجەبا ۋاڭ يى بۇ يالغانلىرىنىڭ ئۆز يۈزىگە تەستەك بولۇپ ئۇرۇلۇشىدىن ئازراقمۇ ئەندىشە قىلمامدۇ؟

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! خىتاي ئۆز يالغانلىرىنىڭ يوشۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا بۇ يالغانلار بىلەن ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يەھۇدىيلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتا تەشۋىقات بىلەن داڭ چىقارغان مەشھۇر شەخس پائول يۆسېف گوببېلس (Paul Joseph Goebbels) «يالغان گەپ مىڭ قېتىم تەكرارلانسىمۇ ھەقىقەتكە ئايلانمايدۇ. ئەمما يالغان گەپنى مىڭ قېتىم تەكرارلاپ، باشقىلارنىڭ يالغاننى ئېچىپ تاشلىشىغا يول قويمىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يالغاننى راست دەپ ئىشىنىدۇ» دېگەن. دەرۋەقە، خىتاينىڭ يالغانلىرىنى مىڭ قېتىم سۆزلىسىمۇ راستقا ئايلانمايدۇ. ئەمما خىتاينىڭ يالغانلىرىنى راستقا راستقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى سۈكۈت قىلدۇرۇش كېرەك. خىتاي بۇنى قىلالىدىمۇ؟ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىزدىن قارىغاندا خىتاي شۇنداق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنى بىز ب د ت دىكى يىغىنلاردا خىتاينىڭ يالغانلىرىغا پاس بېرىۋاتقان، سۈكۈت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىدىن كۆرۈپ يەتتۇق. ئەمما بىزنىڭ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز، خىتاينىڭ يالغانلىرىنى ئېچىپ تاشلىشىمىز ھەرگىز ئۈزۈلمەيدۇ. ئىشىنىمىزكى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىش بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىتىلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتچىلىرىنىڭ ئادالەت سوتىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشى بىلەن كاپالەتكە ئېرىشىدۇ.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.