«شىنجاڭ خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە خىتاينىڭ تەشۋىقاتتىكى مەغلۇبىيىتى

ئامىستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2025.01.16
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەشۋىقات ۋىدېيولىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە تۇرمۇشىغا ئائىت ئىشلەپ تارقاتقان ۋىدېيولىرى ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتى ئىشلىتىلگەن سۈرەت.
UHRP

2024-يىلىنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى خىتاي ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەركەزنىڭ ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2013-يىلى 28-مايدىكى بىر خەۋىرىدە، ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» نىڭ ئۇلىنى تۇرغۇزۇش مۇراسىمى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلار بېرىلگەن. يەنى خەۋەردە، بۇ مەركەزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتقا قارىتا تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش، تارقىتىش ۋە خەلقئارالىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە «خەلقئاراغا شىنجاڭدىكى ئەھۋاللارنى توغرا ئاڭلىتىش، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تەسىرىنى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىش» مەقسەت قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» (新疆国际传播中心)، خىتاينىڭ «دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقىسى ئىشخانىسى» (国家互联网信息办公室) نىڭ «شىنجاڭ تارماق ئىشخانىسى» بولۇپ، مەزكۇر ئورۇن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇھىم ئالاقە كۆزنىكى ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان. بۇ يەردە دىققىتىمىزنى تارتىدىغان مۇنداق بىر قانچە سوئاللار بار. يەنى ئۇنىڭ بىرى، خىتاي بۇ تەشۋىقات مەركىزىنى قۇرۇشنى نېمىشقا ئون يىل كېچىكتۈردى؟ بۇ مەركەزنىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشتا قانچىلىك رول ئوينىيالايدۇ؟

«شىنجاڭ خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» نىڭ ئۇلىنى تۇرغۇزۇش مۇراسىمى. 2013-يىلى 28-ماي، ئۈرۈمچى
«شىنجاڭ خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» نىڭ ئۇلىنى تۇرغۇزۇش مۇراسىمى. 2013-يىلى 28-ماي، ئۈرۈمچى
ts.cn

سوئاللىرىمىزغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئۆتكەن ئون يىلدىكى «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» غا نەزەر ئاغدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قاتتىق زۇلۇم ۋە ئاسارەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئاياغ بېسىشى بىلەن تەڭلا باشلىنىپ تاكى بۈگۈنگىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. لېكىن شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2012-يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ تەقىبلەشلەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئەنسىرەش بولمىغان، ئاشكارا دەۋرگە كىرگەنلىكىمۇ ئېنىق. تېخىمۇ مۇھىمى، شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا، خىتاي ئۇسلۇبىدىكى «مارشال پىلانى» دەپ تەرىپلەنگەن، «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى پىلانىنى دۇنياغا جاكارلىدى. مەزكۇر پىلان ئەينى چاغدا ھەقىقەتەن پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا زور قىزىقىش ۋە بەس-مۇنازىرىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغانىدى. ئارقىدىنلا خىتاي يەنە «غەرب چۆكۈپ، شەرق كۆتۈرۈلىدۇ» سەپسەتىسىنى بازارغا سېلىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنى كۈچ سىنىشىشقا چاقىردى. 2014-يىلى خىتاي يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ توختىماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان ئىلھام توختىنى مەڭگۈلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. بۇ ئىككى ئىش ئەمەلىيەتتە ئۆز ئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيا ئورتاق قوبۇل قىلغان نۆۋەتتىكى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە بويسۇنمايدىغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىدى.

دېمەك، خىتاي بۇ يىللاردا ئۆزىنى ناھايىتىمۇ كۈچلۈك ھېسابلاپ، ھەتتا ئامېرىكادىن ئېشىپ چۈشىدىغاندەك تۇيغۇغا كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن خىتاي دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى نەزەرگە ئالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. بۇنداق بىر مەزگىلدە ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» ئارقىلىق، غەرب دۇنياسىدا «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» نىڭ مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس ئىدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بىرىنچى سوئالىمىزنىڭ جاۋابىمۇ دەل شۇ بولۇپ، خىتاي ئۆتكەن ئون يىلدا غەرب دۇنياسىدىكى ئوبرازىنى ئۆزى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، تەشۋىقاتتا مەغلۇپ بولغانىدى.

ئۇنداقتا، خىتاي نۆۋەتتە نېمە ئۈچۈن «شىنجاڭ خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» نى قايتا بازارغا سېلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش تەشۋىقاتىنى خەلقئارالاشتۇرماقچى بولىدۇ؟

بۇ ئىش خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنىڭ ھازىر ياخشىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن بولمىغان، ئەلۋەتتە. تەشۋىقاتتا مەغلۇپ بولغان خىتاينىڭ بۈگۈن ئاتالمىش «شىنجاڭ تەشۋىقاتىنى خەلقئارالاشتۇرماقچى» بولۇشىنى «ئامالسىزلىق» تىن بولغان دەپ چۈشىنىشتىن باشقا ئېھتىماللىق مەۋجۇت ئەمەس! چۈنكى خىتاي ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى ۋە ئۇلار بەرپا قىلغان يېڭى دۇنيا كۈنتەرتىپىنى «تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا تاشلىۋېتىش» ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشنى قاملاشتۇرالمىدى. 13-يانۋار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېنمۇ ۋاشىنگتوندا ئېلان قىلغان خوشلىشىش نۇتۇقىدا، «خىتاي مەڭگۈ ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ!» دېيىش بىلەن، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بۇ كۈرەشتە ئامېرىكانىڭ ئاللىبۇرۇن غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئاتالمىش «شىنجاڭ خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساقمۇ، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ دېگەنلىرىنىڭ تولىمۇ جايىدا بولغانلىقىنى بايقايمىز. يەنى خىتاي نۆۋەتتە غەرب ئەللىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قارىلاش تەشۋىقاتلىرىدا پۈتۈنلەي خىتاينىڭ بىرلىكسەپ ئورگىنىغا سېتىلغان تور چولپانلىرى ياكى نەپسانىيەتچى ئاخباراتچىلارغا تايىنىپ قالغان. خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئورگان تورىدا 8-يانۋار بېرىلگەن بىر ماقالە دەل مۇشۇنداق مىساللارنىڭ بىرىدۇر. ماقالىدە ئىسپانىيەلىك نوپۇزلۇق بىر ئاخباراتچىنىڭ «دې لامانچا ھەپتىلىكى» (De La Mancha) ناملىق بىر يەرلىك ژۇرنالدا ئىسپان تىلىدا «شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى—غەربنىڭ يالغانچىلىقىنى ئېچىپ تاشلايدىغان ئەڭ ياخشى قورال» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلغانلىقى؛ ئاپتورنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزۈلگەن «6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاخبارات يىغىنى» غا قاتنىشىپ، «شىنجاڭنىڭ رېئاللىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن بۇ ماقالىنى يېزىپ ئېلان قىلغان» لىقى بايان قىلىنغان. ھالبۇكى، بىز بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى بولغان روزالىندا تېجېرا (Rosalinda Tejera) نىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ئازراقلا ئىزدىنىدىغان بولساق، مەزكۇر ئىسپانىيەلىك ئاخباراتچىنىڭ خىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان بىرى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۇنىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى 15-يانۋار ئېلان قىلغان بىر خەۋەرمۇ شۇنداق مىساللارنىڭ بىرىدۇر. يەنى خەۋەردە، بىر گوللاندىيەلىك بىر ياشنىڭ ئالتايدىكى قار-مۇز ساياھىتىگە قاتناشقانلىقى ۋە ئالغان تەسىراتلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدىكى بايانلار كىشىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان بىر جاي ئىكەنلىكىدىن گۇمان پەيدا قىلغۇدەك بىر تەسىرات بېرىدۇ. ئەمما بىز بۇ گوللاندىيەلىك ياشنىڭ كىم ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقساق، ئۇنىڭمۇ خۇددى يۇقىرىقى «ئىسپانىيەلىك ئاخباراتچى» غا ئوخشاشلا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بىرى ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىشىمىز تەس ئەمەس.

خۇلاسىلىگەندە، خىتاي گەرچە ئۆزىنىڭ دۇنياغا پۇر كەتكەن سېسىق نامىنى ياخشىلاش، خۇنۈكلەشكەن ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىركەشكەن، ھەتتا «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» ئۈچۈن ئىشلەتمىگەن چارىسى قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۈنۈمى خىتاينىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمايۋاتقانلىقى ئاشكارا.

مېڭە يۇيۇش خاراكتېرلىك تەشۋىقاتلارنى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىش، سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق تەشۋىقاتلارمۇ مەنتىقىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلمىسا، ئاقىۋەتتە تەشۋىقاتچىنىڭ ئىناۋىتىنى يوقىتىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈرىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك مەغلۇبىيىتى دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. بۇ ۋەجىدىن خىتاي مەيلى قانچىلىك كۈچ ۋە ئىقتىساد ئاجرىتىپ، قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ئاماللار بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش تەشۋىقاتى قىلماقچى بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئاقىۋىتى ھامان مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىدۇ، خالاس!

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.