2-قېتىملىق «جۇڭگو يولى» يېغىنىدا ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىغا ئائىت پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان
2015.08.20
گوللاندىيەنىڭ پايتەختى دەنھاخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق «جۇڭگو يولى» يېغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2015-يىلى 16-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 تىن، ئەتىسى كەچ سائەت 9غا قەدەر داۋام قىلغان مەزكۇر پائالىيەتنى گوللاندىيەدىكى«ياۋروپا جۇڭگو يولى تەتقىقات مەركىزى» ئۇيۇشتۇرغان.
خوڭكوڭ، تەيۋەن، گېرمانىيە، فىرانسىيە، دانىيە، گوللاندىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردىكى دېموكراتىك خىتاي زىيالىيلىرى ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر پائالىيەتكە «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋە يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بەختىيار ناسىر، غەيرەتجان روزى ۋە سادىقجان سەلەي ئەپەندىلەر ئۆزلىرى مۇھىم دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا بايان قىلىپ، دېموكراتىك ئاڭدىكى خىتاي زىيالىيلىرى ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق خاھىشى ۋە تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ سايلىمىغا كۆچمەن خىتايلارنىڭ ئارىلىشىش ۋە دەخلى-تەرۇز قىلىشىنىڭ دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئەھۋاللارنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى.