شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شى جىنپىڭ ھەققىدىكى خەۋەر سەۋەبلىك جازالىنىشى خەلقئارادا ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-03-16
Share
zhang-zemin-we-xi-jinping-xitay-emeldarliri-305 سابىق خىتاي سېكرېتارى جياي زېمىن ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭ.
ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ئۆتكەن ھەپتە ئېچىلغان خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەھرىرىنىڭ سەۋەنلىكى سەۋەبلىك بېرىلگەن«شى جىنپىڭ ئاخىرقى رەھبەر» سەرلەۋھەلىك خەۋەر خەلقئارادا ۋە خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى. 16 - مارت چارشەنبە كۈنى خەلقئارا تاراتقۇلاردا يەنە بۇ خەۋەرنى تەھرىرلىگەن تەھرىر ۋە مۇخبىرنىڭ جازالانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر - ئىنكاسلار بېرىلدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 13 - مارت كۈنىدىكى سانىدا «خىتاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەھبىرى شى جىنپىڭ» دېگەن سۆزلەر بېسىلىپ بىر سائەتتىن كېيىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تەھرىرنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن «شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى» دېگەن سۆزنىڭ «خىتاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەھبىرى شى جىنپىڭ» دىگەنگە ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى ئىزاھلىغان ۋە ئەسلىدىكى خەۋەر ئېلىۋېتىلگەن ئىدى.

سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە سەھەر گېزىت» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 15 - مارت چارشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، مەزكۇر خەۋەرنى تەھرىرلىگەن 48 ياشلىق لى كەي ئىسىملىك تەھرىرنىڭ «خىزمىتىدىن قالدۇرۇش، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كاندىدات ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىۋېتىش» قىسمىتىگە يولۇققانلىقى خەۋەر قىلىندى. سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە ئۆتكەن ھەپتە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى خۇاڭ شاۋنەن خىتاينىڭ ئىسلاندىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە خىتايغا قايتىپ كېلىپ 11 - مارت جۈمە كۈنى ئۆيى جايلاشقان بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانلىقى، ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش دوكلادىدا مەزكۇر مۇخبىر «ئېغىر چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپدار بولغان» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغانلىقى خەۋەر قىلندى. خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. بوشۈن تورىنىڭ 15 - ،16 - مارتتىكى سانلىرىدا «شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەھبىرى دېگەن خەۋەر شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا پالاكەت ئەكەلدى»، « شىنخۇا ئاگېنتلىقى كەچ - كۈز مەزگىلىگە قەدەم قويدى، شى جىنپىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەھبەر دېگەن خەۋەرنىڭ تەھرىرى جازالاندى، مەزكۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالدى» سەرلەۋھەلىك ماقالىلەر بېسىلدى. خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ مەزكۇر خەۋەر ۋە خەۋەرگە چېتىشلىق مۇخبىر، تەھرىرلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئىنكاسلار كۆپەيدى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئالما گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «چەتئەل تاراتقۇلىرىدا رەئىس شى جىنپىڭ خىتايدىكى خەۋەر - ئاخبارات ئورگانلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان مەزگىلدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاخبارات ئورگىنى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا بۇنداق خاتالىقنىڭ يۈز بېرىشى، ئەقىلگە سىغمايدىغان خاتالىق بولدى» دېگەن سۆزلەر يېزىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىدىمۇ خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ «خىتايدا كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان شنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرى ئادەتتە نەچچە باسقۇچلۇق قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدۇ، بولۇپمۇ خىتاي رەھبەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە ئەڭ كىچىك خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىمۇ ئېغىر سىياسىي مەسىلە قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، بۇنداق شارائىتتا بۇ خىل خاتالىققا يول قويۇلۇشى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىيومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتايدىكى بىر مۇخبىر شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىنى تەھرىرلىگەن تەھرىرگە كۆرۈلگەن چارە ھەققىدە توختىلىپ،«مېنىڭچە، تەھرىرگە بېرىلگەن خىزمىتىدىن قالدۇرۇش جازاسىنى يېنىك بولۇپ قاپتۇ دېيىشكە بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ شارائىتىدا بۇ خەۋەردىكى خاتالىقنى تەھرىر ۋە كوررىكتورلارنىڭ ئادەتتىكى تىنچلىق خاتالىقى دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى خەتنى خاتا يېزىپ قويۇش ئايرىم مەسىلە. ئەمما بۇ خەۋەر سىياسىي جەھەتتە زور تەسىر پەيدا قىلغان خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئىسىملىرى ئادەتتە تىپىك سىياسىي مەسىلە، چوڭ مەسىلە ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسىدە، خىتاي رەھبەرلىرىگە ئائىت خەۋەر ۋە رەسىملەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇلىدىغان بولۇپ، كوللىكتىپ چۈشكەن رەسىملەردە رەھبەرلەرنىڭ ئىسىملىكى ئۇنىڭ ئەمەل - دەرىجىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىگىگە قاراپ رەت بويىچە تىزىلىشى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسمى ۋە ئەمىلىدە خاتالىق بولماسلىقى، بۇنداق خاتالىقنى ئۆتكۈزگەن مۇخبىر ۋە تەھرىرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغان» لىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىدە «نۆۋەتتىكى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، رەقىپلىرىگە نىسپەتەن «پارىخورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش»، «پارتىيە ئىستىلىنى تۈزەش» قاتارلىق ناملاردا قاتتىق تەدبىر قوللىنىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمى ئىچىدە شى جىنپىڭغا قارشى پىكىر ئېقىمى ئاشكارا ئىپادىلىنىشكە باشلىدى. ئىككى يىغىندىكى جىددىي كەيپىيات بۇنىڭ ئىپادىسى. ئۇندىن باشقا ئۆتكەن ھەپتە خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شى جىنپىڭنىڭ ئىستىپا بېرىشى تەلەپ قىلىنغان ئوچۇق خەت ئېلان قىلىندى، ئارقىدىنلا شىنخۇا ئاگنتلىقى خەۋىرىدە " شى جىنپىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەھبەر" دېگەن خەۋەر بېسىلدى. بۇ ئەھۋاللارنى تاسادىپىلىق دېيىشكە بولمايدۇ. ھازىر بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەردە خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدا شى جىنپىڭ گۇرۇھى بىلەن جياڭ زېمىن گۇرۇھىنىڭ ئەسلىدە ئىچكى جەھەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىددىي كۈرۈشى ئاۋام پۇقرالار ھەتتا خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىش دەرىجىسىگە يەتتى، مېنىڭچە، خىتاي كومپارتىيسىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا يېقىن ئارىدا چوڭ بىر داۋالغۇش بولۇشى، ھەتتا شى جنىپىڭ تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلىنىدىغان سادا كۈچىيىشى مۇقەررەر» دېدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى بايانىدا يەنە، بۇلتۇر خىتايدا يۈز بەرگەن «خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىر، تەھرىرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى» ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاش» نامىدا ئۆزىگە قارشى گۇرۇھتىكىلەرنى تازىلىغان شى جىنپىڭنىڭ ئەمدى خىتايدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئىچىدىكى قارشى گۇرۇھنىڭ ئادەملىرىگە قارشى بىر قېتىملىق تازىلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى 60 - 70 - يىللاردىكى چوڭ كۈرەش تۈسىنى ئالغان تەشۋىقات - زەربە بېرىش ئەۋجىگە چىققان، ھاكىم - مۇتلەقلىق دەۋرىگە قايتىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ خىتايدا يېڭى بىر ئۆزگىرىشكە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت