ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچ تالىشىۋاتقان خىتاي ۋە رۇسىيە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2013.09.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
shangxey-hemkarliq-xitay-etrapidiki-dolet-2.jpg خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ئۈچۈن ئەتراپىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلىرىدىن كۆرۈنۈش.
AFP

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان 10 كۈنلۈك زىيارىتى باشلىنىشى بىلەن، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسى قىزىق نۇقتا مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالدى.

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆزلەۋاتقان ئېنېرگىيە ئوۋچىلىقى، بىخەتەرلىك جەھەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرۈپ قېلىش ئەندىشىسى، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى رەقىبلىك ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلەر، ناتونىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر دۇنيا سىياسىي ئانالىزچىلىرى مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ۋە قەلەم تەۋرىتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

رۇس ئانالىزچىسى سېرگېي لۇزىياننىڭ «خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا نېمىنى نىشان قىلىۋاتىدۇ؟» ناملىق ماقالىسى ئەنە شۇنداق مۇلاھىزە ماقالىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ماقالىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە كەڭرى پىكىر يۈرگۈزگەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.