خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان 10 كۈنلۈك زىيارىتى باشلىنىشى بىلەن، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسى قىزىق نۇقتا مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالدى.
خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆزلەۋاتقان ئېنېرگىيە ئوۋچىلىقى، بىخەتەرلىك جەھەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرۈپ قېلىش ئەندىشىسى، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى رەقىبلىك ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلەر، ناتونىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر دۇنيا سىياسىي ئانالىزچىلىرى مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ۋە قەلەم تەۋرىتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
رۇس ئانالىزچىسى سېرگېي لۇزىياننىڭ «خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا نېمىنى نىشان قىلىۋاتىدۇ؟» ناملىق ماقالىسى ئەنە شۇنداق مۇلاھىزە ماقالىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ماقالىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە كەڭرى پىكىر يۈرگۈزگەن.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.