كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي تەرەپدارى مۇھاجىر ئابلىمىت سادىقنىڭ پىكىرلىرىگە باھا بەردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.02.23
ilshat-hesen-xitay-demokrat.JPG ئىلشات ھەسەن ئەپەندىم خىتاي دەموكراتچىلىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچمەنلىك قوزغاش سىياسىتى ھەققىدە دوكلات بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى ئۆكتەبىر، كانادا.
RFA/Ruqiye

ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي تەرەپدارى مۇھاجىر ئابلىمىت سادىق مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى داۋامىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسىلىلەرنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىشىش شەكلىدە ئەمەس، ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇش ۋە ھۆكۈمەتكە مەسىلىلەرنى سىلىق يول بىلەن مەلۇم قىلىش ئارقىلىق ھەل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمما ئۇ رايوندا مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولغان بىرەر يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىدى.

ئابلىمىت سادىقنىڭ سۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكىدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئابلىمىت سادىقنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا راست گەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئەقەللىي ئەخلاق ئۆلچىمىنىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ قارىسىغا جۆيلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.