خىتاي تەتقىقاتچى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھالقىما تەرەققىيات سىياسىتى مەغلۇب بولدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-05-19
Share
urumchi-uyghur-kocha-namrat.jpg ئۈرۈمچىنىڭ مەلۇم كوچىسىدىكى ئۇيغۇرلار. 2010-يىلى 3-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP


2010 - يىلى ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمىتى» يىغىنىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا «ھالقىما تەرەققىيات» پىلانىنى يولغا قويدى. نەتىجىدە، 19 خىتاي ئۆلكىسى بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن چوڭ كارخانىلار ئۇيغۇر ئېلىغا چاقىرىپ كېلىندى. ئەينى چاغدا چەتئەللەردىكى نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان بۇ ھالقىما تەرەققىيات پىلانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ تېخىچە نەتىجە بەرمىگەن بۇ تەرەققىيات پىلانى بولسا، خىتاي مۇتەخەسسىسىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. خىتاي تەتقىقاتچى تاڭ لىمىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ مەغلۇب بولۇش سەۋەبلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي شارائىتلىرىنى نەزەردە تۇتۇشقا چاقىرغان.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى 2010 - يىلى 3 - ئايدا مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى ئاچتى. شۇ يىلى 5 - ئايدا يەنە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئېنىق ئىستراتېگىيىلىك پىلان تۈزدى. بۇ پىلاننىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنىڭ بىرى خىتاينىڭ 19 ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدا مىڭدىن ئوشۇق تۈر بويىچە ئىش باشلىدى. ئۇيغۇر ئېلىغا مىلياردلارچە يۈەن مەبلەغ سالدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋە قورغاس رايونىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىقتىسادىي بەلۋاغ قۇرۇپ چىقىپ، بۇ ئىككى شەھەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «شېنجېن» شەھىرى قىلىپ چىقىدىغانلىقىنى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ تەشۋىق قىلدى.

19 ئۆلكىنىڭ «شىنجاڭغا تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىش سىياسىتى» بويىچە ئۇيغۇر ئېلىنى ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلغىلى 5 يىل بولدى. ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت گەرچە بارلىق تەشۋىقاتلىرىدا ھەدەپ بۇ سىياسەتلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا، يەرلىكنىڭ تۇرمۇشىغا زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئىش پۇرسىتى يارىتىلىپ، خەلقنىڭ كىرىمىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا خىتايدىكى «ئەنبەي» ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەرەققىيات ۋە سىياسەت تەتقىقاتچىسى تاڭ لىمىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىزمەت تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسدە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسى خىتاينىڭ دەۋاتقانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇپ چىقتى ۋە بۇ سىياسەتتىن يەرلىكلەرگە قىلچىلىكمۇ پايدا كەلمىگەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.

بېيجىڭدىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي تەتقىقاتچىىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى نېمىشقا نەتىجە بەرمەيدۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويغان مۇلاھىزىسى خىتايدىكى «سەيشىن» خەۋەرلەر تورىنىڭ ئىنگىلىزچە سەھىپىىسدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىمۇ دىققەت قوزغىدى. ئۇ مۇلاھىزىسىدە ئۇيغۇر ئېلىغا خىزمەت تەكشۈرگىلى بارغاندىن كېيىن بۇ يەردىكى مەسىلىلەرنى بايقىغان ۋە ئۇنى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈپ چىققان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىدىكى خاتالىقلارنى بايان قىلىشتىن ئاۋۋال، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئۈستىدىمۇ ئازراق توختىلىپ ئۆتكەن. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقىنى بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنىڭ ناھايىتىمۇ چوڭقۇرلۇقى بولغان. ئۇ شۇڭا مۇلاھىزىسىدە بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ : «مەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنىڭ بۇنچىلا چوڭقۇرلۇقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈشلىرىم ۋە يەرلىك تىجارەتچىلەرنىڭ ئەھۋالى ماڭا بىر قانچە نەرسىنى ئۆگەتتى. يەنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسىلە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ پەقەتلا ئىقتىسادنىڭ ناچار بولۇشىدەك بىرلا ئامىلغا باغلىق ئەمەس. ئۇ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ يۇغۇرۇلمىسى. شۇڭا ھۆكۈمەت مەسىلىگە جاۋاب ئىزدىگەندە، چوقۇم رەسىمنىڭ پۈتۈنىگە قارىشى ۋە شۇ ئارقىلىق مەسىلىگە داۋا ئىزدىشى كېرەك. يالغۇز بىرلا ئامىلغا ئېسىلىۋېلىش مەسىلىنى ئەكسىچە تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ» دېگەن.

تاڭ لىمىڭ مۇلاھىزىسىنىڭ داۋامىدا 2010 - يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەن بولسىىمۇ كۈتكەن نەتىجىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە بۇنىڭ 4 خىل سەۋەبىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ بىرىنچى سەۋەبى، ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن مەبلەغ سانائەت رايونلىرىنى قۇرۇشقا ئىسراپ قىلىۋېتىلگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن :

ئۇيغۇر ئېلى سانائەتلىششتە خېلى كەينىدە قالغان، شۇڭا سانائەتتىن ھۆكۈمەت خەزىنىسىگە كىرىدىغان كىرىممۇ چەكلىك. يەرلىكتىكى ھۆكۈمەتلەر سانائەت رايونلىرىنى قۇرۇشنى باجدىن كىرىدىغان كىرىمنى ئاشۇرىدىغان قىسقا يول دەپ قاراپ، ھەدەپ ئۆز ئالدىغا سانائەت رايونلىرىنى قۇرۇشقا پۇل سەرپ قىلغان. بىراق، بۇ يەردە نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بىر پاكىت بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا تېخى مۇكەممەل بىر ئاساسىي قۇرۇلۇشى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يېتەرلىك تەلەپمۇ يوق. شۇڭا سانائەت رايونلىرىنى قۇرۇۋالغان بىلەن ئۇنىڭ ئىچىنى تولدۇرىدىغانلار يوق. دەرۋەقە، مەن شىمالىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭغا قىلغان زىيارىتىم جەريانىدا نۇرغۇن سانائەت رايونلىرىنىڭ قۇرۇق تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.

تەتقىقاتچى تاڭ لىمىڭ ئىككىنچى سەۋەب سۈپىتىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىق مەنبەلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئېچىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ ئىقتىسادىي پىلاندا بايلىق مەنبەلىرى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلىنىپ كەتكەنلىكتىن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىماي تۇرۇپ، ئۇنى ئېچىش ئارقىلىق، پايدىغا ئايلاندۇرۇشنىڭلا كويىدا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن :

- يەرلىك ھۆكۈمەتلەر پەقەت كۆمۈر ۋە نېفىت مەنبەلىرىنى ئېچىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تۈۋرۈكى دەپ قارىۋالغان. شۇڭا شىنجاڭنىڭ سانائەت قۇرۇلمىسى ھەر خىللىقتىن يوقسۇن قالغان. ئادەتتە، بۇنىڭغا ئوخشاش ئېغىر سانائەت تۈرلىرى جىق ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلمايدۇ، شۇڭا ئۇلارغا ئىشچى - خىزمەتچىمۇ كېرەك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بايلىق مەنبەلىرىنى قارىغۇلارچە ئېچىش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاللىقاچان ناھايىتى نازۇك ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان ئېكولوگىيىسىگە تەھدىت پەيدا قىلغان.

تاڭ لىمىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچۈنچى مەسىلە بولسا، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ كارخانىلار. ئۇ بۇ كارخانىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىغا ياردەم قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا زىيان بەرگەنلىكىنى يازغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئىستراتېگىيىدىكى ئۈچىنچى مەسىلە بولسا، دۆلەت ئىگىلىدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ مەبلىغىنى بەك چوڭ ئاساس قىلىۋالغان. چوڭ كارخانىلار ۋە زور ئىش پىلانلىرى ئەلۋەتتە ئىقتىسادنى تېز ئالغا سۈرۈشكە پايدىلىق. شۇڭا شىنجاڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر خۇسۇسىي شېركەتلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ، يەر سېتىپ بېرىشتە بولسۇن ۋە ياكى باشقا مالىيە مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەشتە بولسۇن، چوڭ كارخانىلارغا ئالاھىدە ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن. ئەمما ئۇلار بۇنىڭ ئەكسىچە يەرلىك خۇسۇسىي شېركەتلەرنى يۆلىمىگەن.

تەتقىقاتچى تاڭ لىمىڭ ئۆزىنىڭ بۇ مۇلاھىزىسىىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر رەھبەرنىڭ سۆزىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ مۇنداق دەپ بايان قىلغان :

- مەن زىيارەت قىلغان شەھەردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مەسئۇل بىر رەھبەر ماڭا «ئەينى چاغدا تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىش سىياسىتى بويىچە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگەنلىكىدىن ھەممە كىشى تولىمۇ خوش بولۇپ، ھاياجانلىنىپ كەتكەن. مانا ھازىر 4 - 5 يىل بوپ قالدى. كىشىلەر بۇ كارخانىلارنىڭ پەقەت ئېنىرگىيە ۋە يەر ئاستى مېنىرال بايلىقلىرىغىلا قىزىقىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. بۇ كارخانىلار كېلىپ يەرلىكنىڭ بايلىقىنى سۈمۈرۈپ قۇرۇتۇپ قويدى، لېكىن ئۇلارنىڭ تۆلىگەن بېجى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە كەتتى. ئۇلارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ باجدىن كىرىدىغان كىرىمىگە ۋە يەرلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پايدىسى بەكمۇ ئاز» دېدى.

تاڭ لىمىڭنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ غەلىبە قىلالماسلىقىدىكى 4 - سەۋەب بولسا سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئۇسۇلىدۇر. ئاپتور بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدىكى شەھەرلەرنى ۋە ياكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر شەھەر بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر شەھەرنى قوشۇپ قويۇش بىر قارىماققا ھەمكارلىقنى قولايلاشتۇرىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، يەنە بىر ياقتىن ھۆكۈمەتلەر ئارا كېرەكسىز رىقابەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى ئىشلىتىشىنىمۇ ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرغىلى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

تاڭ لىمىڭ يۇقىرىدىكى مەسىلىلەردىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتكە بىر قىسىم تەكلىپلەرنى سۇنغان بولۇپ، بىز كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بۇ ھەقتە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت