ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ياسىن سىدىق يېقىندا «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە «ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس» ماۋزۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ: «شىنجاڭدىكى ھەممە مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە. ھالبۇكى ئۈچ خىل كۈچلەر تارىخنى بۇرمىلاپ، ئۇيغۇرلارنى تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار قېرىنداش دېگەننى تەشۋىق قىلدى. بۇ پۈتۈنلەي ئەخمىقانىلىك. قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللىتى قانداشلىق ئائىلىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلدى. ئۇلار تۈركنىڭ ئەۋلادى ئەمەس، تۈركلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق» دەپ يازغان. ياسىن سىدىق تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن.
تۈركىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بۇ ھەقتە تۈركىيە، تەيۋەن ۋە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم تارىخچىلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى ئالدى. ئۇلار بۇ قاراشنىڭ ئىلمىي ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ سىياسىيۋىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى ياسىن سىدىق 20-ئاۋغۇست كۈنى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە ئۇيغۇرنىڭ بىر تۈركىي مىللەت ئەمەسلىكىنى، تۈركلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇنداقتا ئۇيغۇر بىر تۈركىي مىللەتمۇ؟ تۈركىي مىللەت بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرنى تۈركىي مىللەت ئەمەس ۋە تۈركىيە ھەم تۈركلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەيدۇ؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تونۇلغان تۈرك تارىخچى، ئۆزبېك تۈركولوگ ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تونۇلغان تارىخچى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخى»، «ئۇيغۇر تارىخى» ۋە «تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر تارىخى» ناملىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى پروفېسسور دوكتور سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ سىياسىي مەقسەت بىلەن دېيىلگەن سۆز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقىنىڭ يازغانلىرى سىياسىي مەقسەت بىلەن دېيىلگەن سۆز. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە ماس كېلىدىغان بىر باياناتتەك قىلىدۇ».
پروفېسسور دوكتور سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى ئۇيغۇرنىڭ بىر تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنى، تۈركلەرنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، بۇنى پۈتۈن دۇنيانىڭ بىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا خىتايچە تارىخىي مەنبەلەردىمۇ بۇنىڭ يېزىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. غەرب ئەللىرىدىكى ۋە شەرق ئەللىرىدىكى تارىخچىلار يازغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنىڭ بايان قىلىنغانلىقىنى ھەممە تارىخچىلار بىلىدۇ. ياسىن سىدىق ئەگەر خىتايچە مەنبەلەردىن جوۋنامە، تاڭنامە قاتارلىق كىتابلارغا قارايدىغان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ھونلار ئىكەنلىكىنى، كۆكتۈركلەر بىلەن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىنىڭ ئوخشايدىغانلىقىنى، ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقىنىڭ يازغانلىرىغا بىز تارىخچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەسلىدە جاۋاب بېرىشىمىزگىمۇ ئەرزىمەيدۇ».
پروفېسسور دوكتور سائادەتتىن گۆمەچ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز يوق دېيىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركلەر بىلەن سىزنىڭ مۇناسىۋىتىڭىز يوق، دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى تۈركىيەدىن ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر سىياسىي باياناتتىن ئىبارەت دەپ قارايمەن».
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەدىكى ياۋرو-ئاسىيا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى بۇنىڭ «خىتايلار خىتاي ئەمەس ياپوندۇر دېگەندەك بىر گەپ ئىكەنلىكى» نى، ئىلمىي كۆز قاراش بولمايلا قالماستىن، ئەقىلگىمۇ سىغمايدىغان بايان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىتايلار ياپوندۇر دېگەندەك بىر سۆز. ئۇيغۇر بىر تۈركىي مىللەت ئەمەس دېگەنلىك، خىتايلار ئۆزلىرىنى خىتاي دەيدۇ ئەمما ئۇلار ئەسلىدە خىتاي ئەمەس دېگەنگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ ئىلمىي كۆز قاراش بولمايلا قالماستىن بەلكى ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر سۆز دەپ قارايمەن».
ئامېرىكا مىشېگېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور تىمۇر قوجائوغلۇ ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى ياسىن سىدىق ماقالىسىدە ئۇيغۇرنىڭ بىر تۈركىي مىللەت ئەمەسلىكى، تۈركلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ بىر سىياسىي بايانات ئىكەنلىكىنى، بۇنى ياسىن سىدىققا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يازدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تەيۋەن ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى باش كاتىپى دوكتور شى چىيەنيۈ ئەپەندى بۇنىڭ «ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا دېگەن، ئىلمىي بولمىغان سۆزى ئىكەنلىكى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقىنىڭ ئۇيغۇر بىر تۈركىي مىللەت ئەمەس دېيىشى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاستىدا، سىياسىي مەقسەت بىلەن دېيىلگەن سۆز. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار بىر تۈركىي مىللەتمۇ؟ تارىخىي مەنبەلەرگە قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە بىر تۈركىي مىللەت».
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتاي دىپلوماتلار تۈركىيەدە كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەزى تۈركلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىكەن.