ياپونىيە ئىقتىساد ژۇرنىلىدا «28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى» گە ئائىت ماقالە ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان ئىقتىساد ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 11-سانىدا «28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى» گە ئائىت ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ياپونىيە ئىقتىساد ژۇرنىلى بولسا ياپونىيەدىكى مۆتىۋەر سودىگەرلەر، ئىقتىسادشۇناسلار، سىياسەتچىلەر ۋە شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئىش بىرلىكى ئېلىپ بارىدىغان كارخانىچىلارنى ئاساس قىلغان ئىلمىي ژۇرنال بولۇپ، ئاسىيادا تارقىلىش تىراژى كۆپ بولغان ژۇرناللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، بۇ يىل 28-ئىيۇل يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ قاتارلىق يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەر ۋە شۇنداقلا بۇ ۋەقەلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇش جەريانى ھەمدە ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تور ئارقىلىق سىرتقى دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىپ، خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ۋىجدان مەھبۇسى ئابۇبەكىر توغرىسىدا توختالغان.

ماقالە، ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ماقالە ساھىبى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم مەزكۇر ماقالىسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.