يېڭى باش مىنىستېر گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتەمدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.06.29
يېڭى باش مىنىستېر گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتەمدۇ؟ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ياۋروپا كېڭىشى بىناسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ ئاخىرىدا بايانات ئېلان قىلماقتا. 2021-يىلى 25-ئىيۇن، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
AP

24-ئىيۇن گەرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلىغان ئىدى. شۇ كۈنى مەركىزى بېرلىندا بولغان مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئانجىلا مېركىلدىن كېيىن گېرمانىيەگە يېڭىدىن باش مىنىستەر بولىدىغان كىشىنىڭ سايلامدىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ «گېرمانىيە خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتەمدۇ؟ سايلام پروگراممىلىرىغا نەزەر» ناملىق دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، يەنە 3 ئايدىن كېيىن گېرمانىيەدە سايلام باشلىنىدىكەن. ئانجىلا مېركىل دەۋرى ئاخىرلىشىدىكەن. يېڭى باش مىنىستېر مەيلى يېشىللار پارتىيەسىدىن چىققان نامزات ئاننالېنا بايېربوك بولسۇن ياكى خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسىدىن چىققان نامزات ئارمىن لاشېت بولسۇن، باش مىنىستېرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنلا گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە باشلايدىكەن.

دوكلاتتا تىلغا ئېلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ بۇ قېتىمقى باش مىنىستېرلىق سايلىمى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە ۋۇجۇدقا چىقىدىكەن. يەنى خىتاي مەسىلىسى ھېچقاچان گېرمانىيە سايلاملىرىدا تېما شەكلىدە ئورۇن ئېلىپ باقمىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ پروگراممىلىرىدا يېتەرلىك دەرىجىدە ئورۇن ئىگىلىگەن. خىتايغا مۇناسىۋەتلىك 14 تېما باش مىنىستېر نامزاتلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنى تەشكىل قىلغان. مەسىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، خىتايدىن تور، سانلىق مەلۇمات، يۇقىرى تېخنىكىلارنى مۇداپىيە قىلىش، خىتايغا قارشى ئوكيان ھالقىغان ھەمكارلىقلارنى قۇرۇش، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش، خوڭكوڭنىڭ ئاپتونۇمىيەسىنى قوغداش، تەيۋەن بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىتاينى ھەربىي جەھەتتىن ئاجىزلىتىش، كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى تاقاش قاتارلىقلار. بۇ تېمىلارنىڭ سايلام رىقابىتىدىن ئورۇن ئىگىلىشى گېرمانىيەدە بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدىكەن.

دوكلاتتا ئىزاھلىشىچە، بۇ قېتىم يېڭى ھاكىمىيەتنى گېرمانىيەدىكى ئاساسلىق 5 چوڭ پارتىيە تەشكىل قىلىدىكەن. خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن خىرىستىيان سوتسىيال پارتىيەسىدىن ئىبارەت بىرلەشمە پارتىيە، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە يېشىللار پارتىيەسى قاتارلىق بۇ 5 پارتىيەنىڭ ھەممىسىلا خىتايغا قارىتا تەنقىدىي پوزىتسىيەدە ئىكەن. ئۇلار خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا، خوڭكوڭدىكى مۇستەبىتلىككە نىسبەتەن قارشى تۇرۇشتا پىكىر ئورتاقلىقىغا ئىگە ئىكەن. ئەمما خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ساقلاپ قېلىش ياكى خىتايغا جازا يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ قاراشلىرىدا زور پەرقلەر مەۋجۇد ئىكەن.

ھەممىدىنمۇ مۇھىمى، بۇ قېتىم باش مىنىستېر نامزاتى بولغان يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئاننالېنا بايېربوكنىڭ خىتايغا نىسبەتەن پوزىتسىيەسى ناھايىتى قاتتىق ئىكەن. ئۇنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش ئىدىيەسىنى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى مۇتلەق قوللايدىكەن. يېشىللار پارتىيەسى بۇ جەھەتتە يەنە گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە بولغان خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن خىرىستىيان سوتسىيال پارتىيەسىدىن ئىبارەت بىرلەشمە پارتىيەنىڭ ھەمكارلىقىغا ئېرىشكەن.

يېشىللار پارتىيەسى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى گېرمانىيە پارلامېنتىدا ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى جىددىي كۈنتەرتىپكە كەلتۈرىۋاتقان پارتىيەلەر بولۇپ، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئاننالېنا بايېربوكنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن. ئەگەر ئۇ سايلامدا غەلىبە قىلىپ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرالىسا، گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتى چوقۇم ئۆزگىرىدىكەن. ئانجىلا مېركىل دەۋرىدە ئەمەلگە ئاشمىغان خىتايغا قارشى بەزى ئىشلار، ئۇنىڭ دەۋرىدە ئەمەلگە ئاشىدىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ ھىمايىچىلىرى بىلەن تولغان يېشىللار پارتىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قازىنىشى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدى بولۇپ قالغان. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا كۆپ ھېسداشلىق قىلىپ كەلگەن بىر پارتىيە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى بولغان يېشىللار پارتىيەسى سايلامدا غەلىبە قىلىپ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ قالسا، ئۇيغۇرلار دەۋاسىنىڭ يالغۇز گېرمانىيەدىلا ئەمەس، ياۋروپادىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.