«يېڭى يىپەك يولى ئىش پىلانى» ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا سۆھبەت

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.05.20
yipek-yoli-xitay-konsuli-istanbul.JPG ئىنتېر كونتىنېنتال مېھمانخانىسىدا «يىپەك يولى» تېمىسىدا چاقىرىلغان يىغىندا خىتاي كونسۇلى سۆز قىلماقتا. 2015-يىلى 18-ماي، ئىستانبۇل.
RFA/Erkin Tarim

خىتاي ھۆكۈمىتى «يىپەك يولىنى قايتا جانلاندۇرۇش ئىش پىلانى» نامى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

18-ماي كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل جەيلان ئىنتېر كونتىنېنتال مېھمانخانىسىدا «يىپەك يولى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلغان. بۇ يىغىنغا خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدىن كەلگەن ساياھەت ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە چوڭ ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرىدىن بولۇپ 1000 ئەتراپىدا خىتاي ھەم كۆپ ساندا تۈرك ساياھەت شىركەتلىرى ۋە ساياھەت ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتاي تۈركىيەگە خىتاي ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بەزى شەرتلەرنى قويغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ساياھەتچىلەرگە خىتاي يول باشلىغۇچىلارنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇشى، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشقا ئوخشاش تەلەپلەرمۇ بار ئىكەن. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەلەپلىرىگە تۈركىيە ھۆكۈمىتى قانداق قارايدۇ؟

بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.