نېمە ئۈچۈن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار برۇكېللوز يۇقۇملۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟
2025.01.29

تەبىئىي پەن ۋە مېدىتسىنا ساھەسىدە خەلقئارالىق مۇھىم تەتقىقات مۇنبەرلىرىدىن بىرى بولغان «ئىلمىي دوكلاتلار» (Scientific Reports) ناملىق ئىلمىي ژۇرنالدا يېقىندا «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى مۇھىت ئامىلىنىڭ ئىنسانلاردىكى برۇكېللوز يۇقۇملۇق كېسىلىگە كۆرسەتكەن تەسىرى (2014-2023)» ناملىق بىر ئىلمى ماقالە ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىدە، ئىنسانلارنىڭ برۇكېللوز يۇقۇملۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى ۋە بۇ كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىدا تېمپېراتۇرا بىلەن مۇھىت ئامىلىنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى نۇقتىلىق ئانالىز قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ماقالىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتايدا برۇكېللوز يۇقۇملۇق كېسىلى ئەڭ كۆپ تارقالغان نوقتلىق رايونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ھالبۇكى مۇتەخەسسىسلەر، برۇكېللوز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ بۇ يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇشىدا تېمپېراتۇرا ھەم مۇھىت ئامىلىدىن باشقا يەنە، ئىجتىمائىي ئىقتىساد (socioeconomic) بىلەن سىياسىي ئامىللارنىڭمۇ تەسىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
«دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى» (World Health Organization) برۇكېللوز يۇقۇملۇق كېسىلىگە مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەن: «برۇكېللوز يۇقۇملۇق كېسىلى ئاساسلىقى كالا، چوشقا، ئۆچكە، قوي ۋە ئىت قاتارلىق برۇكېللا (Brucella) تۈرلىرى سەۋەب بولىدىغان باكتېرىيە كېسەللىكىدۇر. ئىنسانلار ئادەتتە يۇقۇملانغان ھايۋانلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش، بۇلغانغان ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى يېيىش ياكى ھاۋادىكى باكتېرىيەلەرنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللار يۇقۇملانغان ئۆچكە ياكى قويلارنىڭ پىششىقلاشتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ۋە ساپلاشتۇرۇلمىغان سۈتلىرى ياكى پىشلاقلىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ».
بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى قىزىش، باش ئاغرىش، بەل ئاغرىش، تەرلەش، جىسمانىي ئاجىزلىق، بوغۇملار ئاغرىش، ھارغىنلىق، ئورۇقلاش ۋە يۆتەل قاتارلىق شەكىللەردە ئىپادىلىنىدىكەن.
ئىنسانلارنىڭ برۇكېللوز يۇقۇملۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى ۋە بۇ كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر قىلىدىغان ئامىللار ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئامېرىكادا ياشايدىغان دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھايۋانلاردىن يۇقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، 4 خىل يول بىلەن ئىنسانلارغا يۇقىدۇ. يەنى ئاساسلىقى ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ھايۋاناتلارنىڭ گۆش-مايلىرىدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىشتىن يۇقىدۇ. ئۇندىن باشقا گۆش ۋە سۈتلەرنى پۇشۇرماي، خام ئىستېمال قىلىشتىن يۇقىدۇ. بۇنىڭدا مۇھىت مۇھىم رول ئوينايدۇ».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) برۇكېللوز يۇقۇملۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ھادىسىسىنىڭ يالغۇز ئاقسۇ ۋىلايىتىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە تارقىلىشىنىڭ تېمپېراتۇرا، مۇھىت ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىجتىمائىي ئىقتىساد ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي قارارلىرى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئىنسانلارنىڭ برۇكېللوز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى ۋە بۇ كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىدا تېمپېراتۇرا بىلەن مۇھىت ئامىلى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما مېنىڭچە، بۇنىڭدا ئىجتىمائىي ئىقتىساد (socioeconomic) ئامىللىرىمۇ مەلۇم رول ئوينايدۇ. بىز ئىنسانلارنىڭ برۇكېللوز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى ۋە بۇ كېسەللىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ تارقىلىشىدا ئىجتىمائىي ئىقتىساد ئامىللارنىمۇ تىلغا ئېلىشمىز ۋە تەكىتلىشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن بۇ ئامىللار تىلغا ئېلىنمايدۇ دېگەندە، رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بەك جىددىي. بىز بۇ خىل باكتېرىيە ۋە يۇقۇملىنىش توغرىسىدا يەنە بىر قىسىم بىتەرەپ ئامىللارغا قارىساق، تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. يەنى بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ تەسىرى ۋە رولى بار. دېمەكچىمەنكى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ رايونغا قاراتقان ئىقتىسادىي سىياسىتى ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش ۋە ئادالەتسىزلىك بار. ئەگەر بىز ئىجتىمائىي ئىقتىساد ئامىلى ئىنسانلارنىڭ برۇكېللوز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىدا ۋە بۇ كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىدا رولى بار دېسەك، ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئىزاھلىشىمىز كېرەك. تۆۋەن كىرىم، مەن ئېيتقاندەك، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي قارارى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئەھۋالدۇر. بۇ كىشىلەر ئىنتىلىدىغان ياكى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسە ئەمەس. بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچىلار، بۇ رايوندا ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ئىنسانلارنىڭ برۇكېللوز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى ۋە بۇ كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىدىكى رولى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان. يەنە كېلىپ بۇ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. بۇ ئەمەلىيەتتە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن ھالقىغان يۇقۇملۇق كېسەلدۇر. كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىدا خىتاينىڭ سىياسىتى (يەر سىياسىتى، مۇھىت سىياسىتى، ئاشلىق سىياسىتى، كۆچمەنلەر سىياسىتى، ئىقتىسادىي سىياسىتى، مائارىپ ۋە سەھىيە سىياسىتى قاتارلىقلار) نىڭ تەسىرى ئەلۋەتتە بار. دېمەكچىمەنكى، بىز رايوندا كىرىمى يۇقىرى بولغان بەزى ئىمتىيازلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. شۇڭا دەيمەنكى، ئىقتىسادىي ئامىل ۋە شارائىت ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ برۇكېللوز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى ۋە بۇ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر».
مەزكۇر ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ غەربىي-شىمالى ئاساسلىقى چارۋىچىلىق رايونى بولۇپ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ چارۋىچىلىق بازىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى چارۋىچىلار ئاساسلىقى يايلاق ۋە قىشلاقلارغا ۋە چەت جايلارغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلدىن قوغدىنىش ئېڭى يېتەرسىز، ئۇلارنىڭ برۇكېللوزغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى بەك يۇقىرى. ئاقسۇدا كىرىمى يۇقىرى بولغان كىشىلەر گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلغان بولغاچقا، ئۇلاردا برۇكېللوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولغان. ئاقسۇدا يەنە ھاۋانىڭ قۇرۇق ۋە ئىسسىق بولۇشى، شامالنىڭ ئاز بولۇشى برۇكېللوز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىغا ۋە كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردۇر».
ھالبۇكى، چېخ جۇمھۇرىيىتى پالاسكى ئۇنىۋېرسىتېتى ئولوموك (Palacký University Olomouc) نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Steenberg) يۇقىرىقى ماقالىدە دېيىلگەن بىر قىسىم قاراشلارغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى، بۇ نۇقتىدا ئۆزىنىڭ باشقىچە قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى يەنە برۇكېللوز ئىنسانلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ۋە بۇ كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالغان سىياسىي قارارلىرى، يەنى سىياسىي ئامىللارنىڭمۇ تەسىرى بارلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى، شۇنداقلا جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى:
«مېنىڭچە، بىز بۇ يەردە تەتقىقاتچىلار دېگەن ئاتالمىش مېترولوگىيەلىك ئامىللاردىن ھالقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا ۋە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان كېسەللەرگە تاقابىل تۇرۇشتا سىياسىي قارارلارنىڭ قانداق رولى بارلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە، مەركىزىي ھۆكۈمەت بۇ رولنى ئەلۋەتتە كۈچەيتىشى كېرەك».