«زىمىستان» تورى دىرېكتورى ماركو رېسپىنتى (Marco Respinti) 20-ئىيۇل كۈنى «شىنجاڭ: شى جىنپىڭ ئىككىنچى قەدەملىك باستۇرۇشنى باشلىدى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، يېقىندا ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ رايوندا ماركسىزملىق دىنىي قاراشنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى، ئەسلى مەقسەتنىڭ بۇ جاينى مۇسۇلمانلار دىيارى ئەمەس، خىتايلاشقان دەھرىيلەر ماكانىغا ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي مۇھىتىدا ئىسلامنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پرىنسىپىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، دىنلارنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشىغا ئاكتىپ يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. بىز ماركسىزمنىڭ دىن قارىشىنى ئوبدان بىلىدىغان، دىنىي ئىشلار بىلەن تونۇشلۇق، دىنىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماھىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى، شۇنداقلا سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، ئېسىل ئەخلاقلىق، دىنىي ساپاسى يۇقىرى بىر تۈركۈم دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز يەنە ھالقىلىق پەيتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، ئىلمىي نەتىجىسى ياخشى، ماركسىزمنىڭ دىن قارىشىنى قوغدايدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بىر تۈركۈم دىنىي تەتقىقاتچىلارنى تەربىيەلىشىمىز كېرەك. بىز دىنىي ئېتىقادچىلارنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى قاندۇرۇپ، ئۇلارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك».
ماركو رېسپىنتى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە بىز ئۇنىڭ بۇ يەردە نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ماركىسىنىڭ دىن قارىشى شۇكى، دىن دېگەن كىشىلەرنى زەھەرلەيدىغان ئەپيۈن. ئەپيۈن يامان نەرسە دەپ قارىلىدۇ. يامان دېگىنىم، ئۇلارچە بولغاندا دىن پاجىئەلىك نەرسىدۇر ۋە كىشىلەرنى غەيرىي يولغا باشلايدۇ. شۇڭا ئۇ چەكلىنىشى كېرەك، پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىلا ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ. شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسى ئېتىقادچى ئاممىنى يېتەكلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇلار مېنىڭ كۆز قارىشىم ئەمەس، بەلكى تارىختا بولغان ۋە ئۇلار يەنە قىلماقچى بولغان ئىشلاردۇر. يەنى ئۇلار دىننى يوقاتماقچى، كىشىلەرنى ھەقىقىي ماركسىزمچى قىلماقچى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جەمئىيىتىدە ھېچقانداق دىنغا، جۈملىدىن ئىسلامغا ئورۇن يوقتۇر».
ماركو رېسپىنتى «زىمىستان» تورىدىكى ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چېگرا تەتقىقات ئورنىنىڭ دوتسېنتى ۋاڭ يۈتىڭنىڭ بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ رايوننىڭ›ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچى‹غا قەدەم قويغانلىقىغا›ھۆرمەت بىلدۈرۈش‹يۈزىسىدىن شىنجاڭغا بارغان ۋە بۇ رايوننى›غەربكە تۇتىشىدىغان كۆۋرۈكنىڭ بېشى‹دەپ ئاتىغان. ئەجەبا بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ›شىنجاڭنى باستۇرۇپ بولدۇق‹» دەپ قارايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ، بۇ رايون ھازىر خىتايلار ئەركىن يۈرىدىغان جاي بولۇپ قالدىمۇ؟ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلەر يېتەرلىك باستۇرۇلۇپ، خىتايلىشىشقا قاراپ قەدەم قويدىمۇ؟».
ماركو رېسپىنتى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشى بىلەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىشى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى قوبۇل قىلمايدىغان نەرسىلىرىنى يوقىتىشقا باشلىدى. تەتقىقاتچىلار ئېلان قىلغان دوكلاتلار ۋە ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك، ئۇلار ھازىر شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. يەنى ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىتى، ھەممە نەرسىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ قېلىپىغا سېلىش. شۇڭا ئۇيغۇر رايونىدا ياشىغان خەلقلەر بارغانچە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىغ بولۇپ قالدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن پەرقلىنىدىغان مەدەنىيەت، دىن ۋە باشقا ھەممە نەرسىسىنى توسالغۇ دەپ قارىغاچقا، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولدى. خىتايچىلاشتۇرۇش بىر خىل مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىدۇر، بۇ ئاسسىمىلياتسىيە بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا باشلىنىپ بولدى».
ماركو رېسپىنتى «زىمىستان تورى» دىكى ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، تارىخىي پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، سوتسىيالىزم ۋە ماركسىزمنىڭ بىردىنبىر دىن قارىشى دىنلارنى يوقىتىش ۋە بويسۇندۇرۇش: بىرىنچىسى مۇتلەق نىشان، كېيىنكىسى ۋەزىيەتكە ۋاقىتلىق ماسلىشىش، ئىككىنچىسى بىرىنچى مەقسەتكە يېتىشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ يەردە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، خىتاي كومپارتىيەسى «شىنجاڭنى باستۇرۇپ بولدۇق» دەپ قاراپ، ماركسىزمنىڭ دىن قارىشىدىكى ئىككىنچى باسقۇچقا، يەنى دىنلارنى يوقىتىشقا تەييارلىق قىلماقتا. شى جىنپىڭ بۇ رايوندا يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئىككىنچى باسقۇچقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ».
ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ماقالىسىدىكى بۇ نۇقتىلارنى شەرھلەپ، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرىشىدىكى ئاخىرقى مەقسەتنىڭ بۇ دىننى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي كومپارتىيەسىى 1949-يىل ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن دىنلارغا ئىككى خىل يول بىلەن زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن. بىرىنچىسى، ئېتىقادچى سانى ئانچە كۆپ بولمىغان دىنلارنى ياكى چەتئەل بىلەن ئانچە يېقىنلىقى بولمىغان دىنلارنى ۋە دىنىي مەزھەپلەرنى بىۋاسىتە باستۇرۇپ يوقاتقان. ئىككىنچىسى، پۈتۈنلەي يوقىتىشقا كۈچى يەتمىگەن دىنلار ياكى دىنىي مەزھەپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر 5 دىنىي جەمئىيەت» قۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىشكە ۋە دىنىي زاتلارنى كونترول قىلىشقا، شۇنداقلا دىنلارنىڭ ئاساسلىق ئەقىدىلىرىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان. بۇ 5 جەمئىيەتنىڭ ئىچىدە ئىسلام جەمئىيىتىمۇ بار، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇلارنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىشكە ۋە ئۇلارنى ۋاسىتىلىك يوقىتىشقا ئۇرۇنغان، چۈنكى ئۇلاردا بۇ مەسىلىنى بىۋاسىتە ھەل قىلىدىغان كۈچ بەزىدە بار، بەزىدە يوق بولۇپ كەلگەن.»
ماركو رېسپىنتىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنى ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتە قۇدرەتلىك ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن دىنلارنى يوقىتىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى تېز سۈرئەتتە يوقىتىشنىڭ ۋاقتى كەلدى دەپ ھېسابلىغان.