ئەمەلدارلار 'شىنجاڭ'غا توپلاندى، نېمە ھەرىكەت يۈز بېرىشى مۇمكىن؟

"ئۇيغۇربىز تور بېتى" 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خوڭكوڭ "ئەينەك گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار 'شىنجاڭ'غا توپلاندى، پەملىسەك، چوڭ ھەرىكەت بولغىدەك" ماۋزۇلۇق ماقالىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلدارلىرى "شىنجاڭ"غا توپلاندى ، نېمە ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.04.19

5 - ئايدا ئېچىلىدىغان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" ئېچىلماي تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ كونكرېت تۈرلىرى بېكىتىلمەي، ئېلان قىلىنماي تۇرۇپ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى، خىزمەت گۇرۇپپىلىرى، ئىجرا قىلغۇچىلار تەيىنلەنمەي تۇرۇپ، تۇيۇقسىزلا مەركەز دەرىجىلىك خىتاي كادىرلىرى خۇددى چۈمۈلىدەك مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا يۈرۈش قىلدى. ئەينى چاغدا قورال كۆتۈرۈپ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن گېنېرال ۋاڭ جىننىڭ دالا ئارمىيىسىمۇ بۇ دەرىجىدە ھەيۋەتلىك يۈرۈش قىلىپ، شۇ دەرىجىدە ھەيۋەتلىك ھېكايىلەرنى قالدۇرمىغان ئىدى.

بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ليۇ چى،گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ ياڭ ‏ - بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، 2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى گۇاڭدۇڭ شياۋگۈەن ۋەقەسىنى پىلانلىغان كىشى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ كۇ قاتارلىق مەركەز دەرىجىلىك رەھبەرلەر مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا توپلاندى، پەقەت خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋېن جىياباۋلا جۇڭنەنخەينى ساقلاپ قالدى. ياق! يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى مۇستەملىكە "شىنجاڭ"غا يولغا سېلىۋېتىپلا خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا خەلقئارا يىغىنغا كەلگەنلىكى، تولىمۇ روشەنلىك ئىچىدە ئىنتايىن مەنىلىك سېلىشتۇرما بولۇپ قالدى.

بۇ رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جەنۇبىي ئۇيغۇرىستانغا توپلاندى. بېيجىڭ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسى خوتەن ئۆلكىسىگە مەسئۇل بولدى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قەشقەر ئۆلكىسىنى كۆتۈرە ئالدى. جياڭشى ئۆلكىسى قىزىلسۇغا ياردەم بەرمەكچى بولدى ۋەھاكازا. بۇلار ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ياردەم بېرىپ نېمە ئىش قىلماقچى؟ بۇلار ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا مەسئۇل بولۇپ نېمە ئىش قىلماقچى؟ ئەگەر مەبلەغ سېلىپ يەر ئاستى بايلىقىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىدۇ، دېيىلسە، بىر كۈندە مەبلەغ سېلىپ، بىر كۈندە كان ئېچىپ، بىر كۈندە پويىزغا قاچىلاپ ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغۇ؟ "شىنجاڭ"نىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ، بۇ رەھبەرلەرنىڭ ھېچقانداق رولى يوق. چۈنكى بۇ كىشىلەر ھەربىي قىسىملارغا، قوراللىق ساقچى قىسىملارغا بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيدۇ. "شىنجاڭ"غا ياردەم بېرىدۇ دېگەندىمۇ، بۇ كىشىلەر خىتاي پۇلىنى ياكى بايلىقنى، دوللارنى "شىنجاڭ"غا تۆكۈۋەتمەيدۇ.

توغرىسىنى ئېيتقاندا، خىتايلار داۋاملىق سۆزلەپ تۇرىدىغان خەلقئارا ۋەزىيەت خىتايلارغا تازا ياخشى پۇرسەت بەرمەي قالدى. ئېنىقراق ئېيتساق ئامېرىكا، جۇڭگو مۇناسىۋىتى خۇددى ئېغىر زۇكامدىن ساقايغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن مۇھىمى پرېزىدېنت ئوباما بۇقېتىم ۋاشىنگتوندا خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە يەنىلا خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسىنى تەكىتلىدى. يېڭىلا بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گەيتنېر ئەپەندى خۇ جىنتاۋ بىلەن پرېزىدېنت ئوبامانىڭ سۆھبىتىگە قاتناشتى. مەيلى خىتايغا پايدىلىق بولسۇن ياكى خىتايغا زىيانلىق بولسۇن، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى ئۆستۈرۈلىدىغانلا بولسا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىسى بەرداشلىق بېرەلەمدۇ؟ مۇشۇنداق چاغدا خۇ جىنتاۋ ئەنسىرەپ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرىنى "شىنجاڭ"غا ئەۋەتتىمۇ؟ بىڭتۇەن، مەجبۇرلاپ كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتاي كۆچمەنلىرى، يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت 3 بۇرجەك سىياسى، ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋاڭ لېچۈەننىڭ مۇستەقىل پادىشاھلىقى جۇڭنەنخەينى ئەنسىرىتىپ قويدىمۇ؟

ياكى ئەپەندىملەر!

5 - ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد مەسىلىلىرى سۆھبىتى ۋە ئىستراتېگىيىلىك سىياسى سۆھبىتى جۇڭگولۇقنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان بىر سىياسى ھادىسىنىڭ شەپىسىدىن بىشارەت بېرىپ قويدىمۇ؟ 2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 27 - ، 28 - كۈنلىرى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد مەسىلىلىرى سۆھبىتى، ئىستراتېگىيىلىك سىياسى سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەندە، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ياپونىيىنىڭ "ئاساخې سىمبۇن گېزىتى" ئىستراتېگىيىلىك سىياسى سۆھبەتتە ئۇيغۇر بىلەن تىبەت مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە قويۇلدى دەپ كۆرسەتكەن. جۇڭگولۇقلار يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا ئەۋەتكەن بولسا، نېمىدىن چۆچۈپ، يەنە نېمىدىن ئەنسىرەپ يۈرۈيدىغاندۇ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.