خىتاي دائىرىلىرى كورىيە يېرىم ئارىلىدا نېمە ئىش تېرىماقچى؟

ئوتتۇرا شەرقتە ئىراننى قوللاۋاتقان، ئافرىقىدا دارفور قىرغىنچىلىقىنى پەيدا قىلغۇچى سۇدان بەشىر ھاكىمىيىتىنى قوللىغان،جەنۇبىي ئاسىيادا پاكىستاننى قوللاپ، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقان، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئاڭ ساڭ سۇكىنى نەزەربەنت قىلغان بېرما ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتىنى قوللىغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، شىمالىي ئاسىيادا 1950 - يىللاردىن باشلاپ قوللاپ كېلىۋاتقان شىمالىي كورىيىنىڭ مۇستەبىتى كىم جۇڭئېلنى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشقا مەخپىي تەكلىپ قىلدى، كىم جۇڭئېل سەزگۈر ۋاقىتتا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭنەنخەي بىلەن نېمە توغرىدا نېمە سۆزلەشتى ھېچكىم بىلمەيدۇ.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.05.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

3 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدە كورىيە دېڭىزىدا جەنۇبىي كورىيىنىڭ تيەنئەن بەلگىلىك پاراخوتى تۇيۇقسىز دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىپ، كورىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 46 نەپەر ئەسكىرى ۋاپات بولدى.

5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ "ناھايىتى ئېنىقكى، شىمالىي كورىيە ئىككى ئاي بۇرۇن چۆكۈپ كەتكەن، تيەنئەن بەلگىلىك پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلغان دۆلەت" دەپ كۆرسەتتى.

باياناتتا، "ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئالىملىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ پاكىتلارنى مۇقىملاشتۇردى، تور پىدوغا ئىشلەتكەن پارتلىتىش دورىسى، 7 يىل بۇرۇن شىمالىي كورىيە ھەربىيلىرى ئىشلەتكەن تور پىدونىڭ پارتلىتىش دورىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى" دېيىلدى.

دوۋىي تور بېتى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋەر قىلىپ، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى روبىرت گىبس بايانات ئېلان قىلىپ "پرېزىدېنت ئوباما بۇ خىل ھەرىكەتنى ئەيىبلىدى. شىمالىي كورىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان بىر خىل ھەرىكەت بولۇپ، قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت شىمالىي كورىيىنىڭ خەلقئارادا يېتىم قېلىشىنى كېڭەيتىدۇ. كورىيىنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ئۆز ‏ - ئارا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى، تىنچلىقىنى قوغداش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ دېدى" دەپ كۆرسەتتى.

5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى، پاراخوت ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاقىتلىق يىغىن چاقىرىپ، يىغىندىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ ۋەزىرى خاتۇ ياما ئەپەندى، شىمالىي كورىيىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا "ياپونىيە جەنۇبىي كورىيىنى قەتئىي قوللايدۇ، ياپونىيە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كورىيىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ" دەپ كۆرسىتىلدى. باياناتتا يەنە، "بۇ تەۋەلىكنىڭ بىخەتەرلىكى، تىنچلىقى ئۈچۈن ياپونىيە داۋاملىق ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە دۆلەتلىرى بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىدۇ" دەپ تەكىتلەندى.

لى تيەنشياۋ ئەپەندى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بۈيۈك ئىرا تور بىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى "پاراخوت ۋەقەسىنىڭ پاش بولۇپ قالغانلىقىدىن جۇڭگولۇقلارنىڭ خۇشال بولمىغانلىقى كىشىنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بۇ ۋەقەنىڭ ئاشكارا بولۇپ قېلىشى، جۇڭگونىڭ ئىككى كورىيىنى "قوشۇپ يېيىش" تاكتىكىسىنىىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسەتتى. شىمالىي كورىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزگەن جۇڭگونىڭ، جەنۇبىي كورىيە بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە مۇناسىۋىتىگە بىر پۇتىنى قويۇشتىن دېرەك بېرەتتى...."

ئۇنداق بولغاندا، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى كورىيە يېرىم ئارىلىدا نېمە ئىش تېرىماقچى بولۇۋاتىدۇ؟

كىم جۇڭئېل 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى پويىز بىلەن داليەنگە يىتىپ كەلگەندە ۋاڭ جيارۈي ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى،بېيجىڭغا يىتىپ كەلگەندە شى جىنپىڭ، دەي بىڭگو ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى. 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خۇ جىنتاۋ زىياپەت بېرىپ كىم جۇڭئېلنى كۈتۈۋالدى. دېڭىزدا پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن،كىم جۇڭئېل بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ بېيجىڭدا ئۇچراشقانلىقى كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالمامدۇ ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.