ياپونىيىدە تەسىس قىلىنغان خىتاي تىلى ئاخبارات تورىنىڭ باشلىقى شۈي جىڭپو ئەپەندى ھەم ئۆزىنىڭ بىلوگىدا: دوكلات بەرگۈچى ياپونىيە مۇخبىرلار كۇلۇبىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىگە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم توپلانقانلىقىنى، چىراق ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ئوق ئاۋازىنىڭ ئاڭلانغانلىقىنى ... 10مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ غايىپ بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ياكى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى دوكلات قىلغاندا، ئاڭلاپ تۇرغان خىتاي مۇخبىرلار تور بىتىگە چىقىپ يازغان ماقالىسىدە " 10 مىڭ كىشىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن 30 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي - ساقچى كېرەك بولىدىغانلىقى، ئەگەر كوچىلار جەسەتلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن بولسا، بۇنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقى " نى تىلغا ئېلىپ بۇنىڭ ئۈچۈن 30 مىڭ ئەسكەرنى قەيەردىن يۆتكەپ كېلىش كېرەك؟دەپ سوئال قويدى.
جاۋا شۇكى، ئەسكەر تيەنجىندىن، جياڭسۇدىن، گەنسۇدىن يۆتكەپ كېلىندىغۇ؟! تور بەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە يۈز مىڭ كىشىلىك ھەربىي قوشۇن ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا يەنە، 30 مىڭ كىشىلىك قوراللىق ساقچى قىسىملار غۇلجا، قەشقەر ۋىلايەتلىرىگە ئەۋەتىلگەندىن باشقا، 130 مىڭ كىشىلىك ھەربىي - ساقچى قوشۇنلار ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئىدىغۇ؟! 25 مىڭ كىشىلىك قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئايرىم خەۋەر قىلىنغان ئىدىغۇ؟! يەنە پىلانىتتىن ئەسكەر يۆتكەش ۋە يەر شارىدىن ئەسكەر يۆتكەش توغرىسىدا بىجىرلاشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار ئىدى ؟
ئوق چىقىرىش، قولغا ئېلىش، يارىدارلارنى بىر تەرەپ قىلىش ... دوكلاتچى 10 مىڭ كىشى غايىپ بولدى دېگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى 10 مىڭ نامايىشچىنى قەتلى قىلدى، خىتاي ھۆكۈمىتى 10 مىڭ كىشىنى قولغا ئالدى دېمىدى، پەقەت غايىپ بولدى دېگەن ئىدى. شۇنداق غايىپ بولدى، 10 مىڭ كىشى غايىپ بولدى، بەلكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشى غايىپ بولدى. بۇ كىشىلەر نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر بەلكى نامايىشقا قاتناشمىغان كىشىلەر قوشۇلۇپ غايىپ بولدى. ھەقىقىي ساننى كىم ئاشكارىلايدۇ؟ ئوق چىقىرىپ گۇناھسىز ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى باستۇرغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئاشكارىلامدۇ؟ تېلېفون ئالاقە يوللىرى ئىتىۋىتىلدى، ئۇيغۇرنىڭ تېلېفونى يوق! تور بىتى ئۇچۇر يوللىرى ئىتىۋىتىلدى، ئۇيغۇرنىڭ تىڭ - تىڭلاشتىن باشقا ئامالى يوق! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېىتىغا قايتىپ كېلەلمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ سانى 700 نەپەردىن ئارتۇق. بىر ئاتۇش ناھىيىسىدىن ئۈرۈمچىگە تىجارەت قىلىشقا چىقىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان ياشتىن، نامايىشقا قاتناشقانلىقى ياكى قاتناشمىغانلىقى نامەلۇم ئەھۋالدا، قوراللىق ساقچىلار ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ بەيگە مەيدانىغا ئېلىپ چىقىپ 170 نەپەر ياش ئۇيغۇر تىجارەتچىنى قەتلى قىلدى دەپ ئاڭلىدۇق. يالغانمۇ، يالغان بولسا خىتاي تېلېفون يوللىرىنى ئېچىۋەت! راست - يالغاننى ئايرىپ باقسۇن ئۇيغۇرلار.
29 - ئىيۇل توكيو مۇخبىرلار كۇلۇبىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزۈلگەندە، چەتئەللىك، ياپونىيىلىك مۇخبىرلاردىن باشقا، شىنخۇاشې،" خەلق گېزىتى" ئاگېنېتلىقى ۋە خىتاينىڭ يەنە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بولۇپ جەمئى 40تىن ئارتۇق خىتاي مۇخبىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
خەلق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى يۇ چىڭ سوئال قويدى: "5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتناشقاندەكلا گەپ قىلىسەنغۇ! سەن قانداق بىلىسەن؟ جۇ دەنجى دېگەن كىشىمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان بولسا كېرەك يۇقىرىقى ماقالىنى يېزىپ "10مىڭ كىشى غايىپ بولدى" دېگەن سۆزدىن چۇچۇپ كېتىپتۇ.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتوتىدىن بىر نەپەر فروفېسسورنىڭ نەزىرىدە ياپونىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىنى ياپونىيىگە تەكلىپ قىلغانلىقى، ياپونىيىنىڭ سىياسىئونلىرىنىڭ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغانلىقتىن ھەسەت قىلىپ خۇدۇكىسىرەش ئىچىدە دالاي لامادىن باشقا خىتاينى ئىسكەنجىگە ئالالايدىغان يەنە بىر كىشىنى ئىزدەپ تېپىپ پايدىلانغانلىقى ئىمىش.
قانداق قىلىمىز، تارىخ دېگەن شۇنداق يېزىلىدىغان نەرسە ئىكەن. 1921 - يىىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىققان جاڭ گوتاۋ ئەينى چاغدا ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىگە تايىنىپ، ئىدېئولوگىيىلىك كۆرسەتمىسى بويىچە پائالىيەت قىلغان ئەمەسمىدى؟ بۈگۈن ياپونىيە خەلقى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىگە پائالىيەت ماكانى تەييارلاپ بەرگەندە، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ياپونىيىنى تىللاپ كېتىشلىرى چىدىماسلىقىمىدۇ ياكى ھەسەت قىلغىنىمىدۇ؟