'ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا'
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.11.01
2010.11.01
2010 - يىلى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ۋەنۋىي تور بېتى "گېرمانىيە ئاۋازى"نىڭ خەۋىرىنى تارقاتتى. "گېرمانىيە ئاۋازى" بۇ خەۋەرنى "دۇنيا گېزىتى"دىن نەقىل ئېلىپ تارقاتتى.
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ 15نەپەر ساھىبى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ليۇ شاۋبوغا مەدەت بېرىش بويىچە ئىمزالىق خەت يېزىپ، دۇنيادىكى مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم باشلىقلىرىغا يوللىدى. بۇ ساھىبلار سابىق پرېزىدېنت كاتېر، دالاي لاما، پولشانىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋاۋىسا قاتارلىقلار ئىدى. 15نەپەر ساھىپ خېتىدە چاقىرىق قىلىپ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ليۇ شاۋبونى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشىنى، ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شانى نەزەربەنتتىن بوشىتىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ خەتكە جاۋابەن بېيجىڭ دائىرىلىرى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى "غەزەپ بىلەن جاۋاب قايتۇردى." بۇ مەسىلىنى 20 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىنىڭ كۈن تەرتىپىگە قويۇش تەلەپلىرىنى، جۇڭگونىڭ باياناتچىسى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىپ، ليۇ شاۋبو جىنايەتچى دېدى. ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شانىڭ 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئوسلوغا بېرىپ مۇكاپات ئېلىشى توغرىسىدا باياناتچى جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋېل، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ قىزىل تونلۇق پوپى تۇتۇ قاتارلىقلار ليۇ شاۋبونى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بىۋاستە چاقىرىق قىلغاندا، خۇ جىنتاۋ پىسەنت قىلمىغانلىقتىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبلىرى يۇقىرىقىدەك قارار قىلىشتى. 15 نەپەر ساھىب خەلقئارا سىياسىيۇنلارنىڭ بۇ ئىشنى ياراشتۇرۇپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىشتى.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن، پرېزىدېنت ئوباما، رۇسىيىنىڭ پرېزىدېنتى مېدۋىدېۋ، گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى مېركېل، ھىندىستاننىڭ باش مىنىستىرى سىنگى قاتارلىق رەھبەرلەر سىئولدا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزگەندە خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىپ ليۇ شاۋبونى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ساھىبلار خېتىدە: بىز قەتئىي ھالدا سىزگە ئىلتىماس قىلدۇق. ليۇ شاۋبونى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىش توغرىسىدا خۇ جىنتاۋغا بېسىم ئىشلىتىشڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ليۇ شاۋبونى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىش، جۇڭگولۇقلار بىر نەچچە 10يىلدىن بېرى باشتىن كۆچۈرگەن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئۆزگىرىشنى ئالاھىدە مۇقىملاشتۇرۇش بولۇپ قالىدۇ، دېيىشتى.
"دۇنيا گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە، ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شانىڭ ئەۋەتكەن بىر پارچە خېتى ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى.
ليۇ شانىڭ خېتىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ليۇ شاۋبو بىلەن ليۇ شانىڭ ئوسلوغا بېرىپ مۇكاپات ئېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، بۇنداق پۇرسەت يوق دېيەرلىك دېيىلگەن. ليۇ شاۋبو ۋە ليۇ شا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلغان كىشىلەر تاللاپ چىقىلغان.
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتى بۇ تىزىملىكتىن خەۋەردار بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، ھەربىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئۆزىنىڭ مېھمانلىرىنى مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق دەپ كۆرسەتتى دېگەنلەر ئېلان قىلىندى.
ئوسلو، كۆز قارىشى ھۆكۈمەتنىڭ كۆز قارىشى بىلەن ئوخشاش بولمىغانلارنىڭ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. مۇكاپات، ئۇشبۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى كىشىگە ياكى شۇ كىشىنىڭ جۆرىسىگە بېرىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى 1975 - يىلى ئادالەتنىڭ قەھرىمانى مەرھۇم ساخاروپقا بېرىلگەندە، ئۇ مۇكاپات قوبۇل قىلىشقا بارالمىغان. سابىق پرېزىدېنت ۋاۋىسا ۋە ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەئىسى بېرمىلىق ئاڭساڭ سۇكى خانىممۇ مۇكاپات ئېلىشقا بارالمىغان. لېكىن شۇ چاغلاردا مۇكاپاتنىڭ 15 نەپەر ياكى 16 نەپەر ساھىبلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاڭساڭ سۇكى ياكى ساخاروپقا مەدەت بەرمىگەن. بۇ قېتىم مۇكاپات ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەندە ئىشلار بەك سىرلىق بولۇپ كەتتىمۇ ياكى ئىشلار بەك مۇرەككەپ بولۇپ كەتتىمۇ؟
بىر ئېغىز سۆزلەپ قويغانلىقى، ياكى بىر ۋاراققا پىكرىنى يېزىپ قويغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىپ دېلو پەيدا قىلىدىغان ۋە "قانۇن" ئارقىلىق كېسىم ئېلان قىلىدىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ليۇ شاۋبو دېلوسىنى پەيدا قىلىش ئانچىكىم بىر ئىش. بىراق ھەر قانداق شەيئى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى بىر شەيئىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا شەرت قىلغانلىقتىن، ليۇ شاۋبو بىلەن ۋېن جياباۋ ئوخشاشلا ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقتى. ليۇ شاۋبو "08 نىزامنامىسى" ئۈچۈن قولغا ئېلىندى. ۋېن جياباۋ 8 سورۇندا 8 قېتىم دېموكراتىك ئىسلاھات توغرىسىدا نوتۇق سۆزلىدى. ليۇ شاۋبو بىلەن ۋېن جياباۋنىڭ مۇناسىۋىتى - قارىمۇ - قارشىلىقنىڭ بىرلىكى ئىچىدىكى "ئۇ" بىلەن "بۇ" نىڭ مۇناسىۋىتى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى جۇڭگوغا يۈزلەندۈردى. ئەمما، 21 كۈن بولدى ۋېن جياباۋ سىياسى ئىسلاھات توغرىسىدا سۆزلەشتىن توختاپ قالدى. زىددىيەتنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتكە يۈزلەندى.
ليۇ شاۋبونى تۈرمىدىن قويۇپ بېرەي دېسىمۇ ئويۇن چىڭغا چىقىپ كەتتى، ليۇ شاۋبونى تۈرمىدىن قويۇپ بەرمىسىمۇ ئويۇن چىڭغا چىقىپ كەتتى.
ئۆزۈم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا، تارىخ ۋە ھادىسىلەرنىڭ تەرەققىياتى شەخسنىڭ ياكى بىر پارتىيىنىڭ ئىرادىسىغا بېقىنمايدۇ دەپ تەلىم بېرەتتىغۇ، خىتاي كوممۇنىستلىرى!