يىل ئاخىرىدىكى ئون بەش كۈن ئىچىدە...

مەن شۇنداق ماۋزۇ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. 2010-يىلىنىڭ ئاخىرقى ئون بەش كۈنىدە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا نېمە ئىشلار يۈز بەردى؟ مەزكۇر رادىئونىڭ 24-دېكابىر خەۋەر قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا مۇقىملىق توغرىسىدا يىغىن ئېچىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپنىڭ "مىللىي بۆلگۈنچىلىك" تىن كېلىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇلغان.

0:00 / 0:00

24-دېكابىر خىتاي مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى، ژۇرنالىست مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى خەۋىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا يەر ئالدى. مەزكۇر رادىئونىڭ 23-كۈنى ئاڭلاتقان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا يېڭى يىل ئالدىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىرى يىغىندا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ ۋىنى ئاپتونوم رايونغا مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەيىنلىدى. بۇ كىشىنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرۈۋەتتىمۇ ياكى "قاۋۇل " بىر رەھبەرنى مۇستەملىكە رەھبەرلىك ئاپپاراتى غا سەپلىدىمۇ؟

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شائىر تېيىپجان ئېلىيوپ تەۋەللۇتىنىڭ 80 يىللىقى خاتىرىلەندى. مۇخبىر غەيرەت نىيازغا، مۇھەممەتجان ئابدۇللاغا ئېغىر ھۆكۈم ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئالدىماقچى بولدىمۇ ياكى قارا كۆڭلىگە يەنە باشقا مۇددىئا تۈگدىمۇ؟

مەزكۇر رادىئونىڭ 20-كۈنى ئاڭلاتقان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سېكرېتار جاڭ چۈنشەن جەنۇبى ئۇيغۇرىستاندا ئۈچ ۋىلايەتتە مۇقىملىقنى تەكىتلىدى.

ۋەتەن ئىچىدىكى مەلۇم بىر تور بەتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 17-دېكابىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بېيجىڭ شەھىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۇەن قاتارلىق تۆت ئورۇننىڭ ھەمكارلىقىدا، شىنجاڭنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تەشۋىق قىلىش بويىچە، دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا "شىنجاڭ بىلەن سەپەرداش" تېمىسىدا، تەشۋىقات پائالىيىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چەتئەل دىپلوماتلىرى، چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، كارخانىچىلار بولۇپ 350 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. بۇ ئىش قىزىق بىر ئىش بولۇپتۇ ۋە ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان بىر ئىش بولۇپتۇ. نېمىشقا، دەمسىز؟ چۈنكى خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ-دە!

مەزكۇر رادىئو نىڭ 17-كۈنى ئاڭلاتقان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 12-بەش يىللىق پىلان ئىچىدە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ يېزا- قىشلاقلىرىدىن يۆتكەيدىغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانىنى خىتاي ھۆكۈمىتى 11 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

16-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، غۇلجا ناھىيىسىدىن بىر يىل ئىچىدە 140 نەپەردىن ئارتۇق دىنى زاتنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى كۆرسىتىلدى.
16-كۈنى ئاڭلىتىلغان يەنە بىر خەۋەردە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بېيجىڭدا "شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش يىغىنى " چاقىرىپ، خىتايدىكى بارلىق ساقچى ئورگانلىرىدىن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەت قىلىشتا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنداقتا، 1 مىليارد خىتاي 10 مىليون ئۇيغۇردىن شۇنچە قورقامدىغاندۇ؟ بۇ ئۇيغۇرنىڭ قانچىسىنى پىلانلىق تۇغۇت بىلەن قانچىسىنى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈپ بولدى، دەڭلا تېخى؟ ئۇنداق بولمىسا نېمە سىر بار بۇ يەردە؟ بۇ يىغىنغا 28 ئۆلكە، بېيجىڭ، تىيەنجىن شەھىرى ساقچى باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، بىڭتۇەننىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى. "5-ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى" دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاھالىلەر ئۈرۈمچى تاش بۇلاق كەنتىدىن كۆچۈرۈۋېتىلدى.

17-كۈنى خەۋەردە لوپنۇر كۆلى ئېتىراپىنى خىتاينىڭ تۇز سانائىتى بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىدى، دېيىلدى. 16‏-كۈنىدىكى خەۋەردە 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى "ئىزدىنىش" ژۇرنىلىدا سىياسىي كېڭەشنىڭ باشلىقى جيا چىڭلىننىڭ "مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا قەتئىي ئېغىشماي ماڭايلى" ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قايسى كۈنگە قالدى؟ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرلارنى قايسى كۈنگە قويدى؟

يېڭى يىلدا 1 -ئاينىڭ 19-كۈنى رەئىس خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتونغا زىيارەتكە كېلىدۇ. خىتاي نېمىدىن چۆچۈپ قالدى؟ خىتاينىڭ ھازىرغىچە بەرگەن ۋەدىلىرىگە، ماقۇل دېيىشلىرىگە، يول قويۇشلىرىغا ئاساسلانغاندا، كىشىلىك ھوقۇق بويىچە ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەلەپلىرى بويىچە خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكىغا يول قويىدىغان تەرەپلىرى بارمۇ-يوقمۇ؟ ئاخىرقى ئون بەش كۈن ئىچىدە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرىستاندا قىلغان- ئەتكەنلىرىگە ئاساسلانغاندا مۇستەملىكىچىلەر نېمىدىن چۆچۈپ كەتتى شۇنچە؟!