نەگە بارىسىلەر ئۇيغۇر ياشلىرى!

2011-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن، 280مىڭ ئوقۇغۇچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلدى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.02.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېڭى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەكتەپ پۈتتۈرگەن، ئەمما ئىشسىز قالغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئىچكىرى خىتايغا ئېلىپ كېتىپ« تەربىيىلىمەكچى » بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى، خوتەندىن 369 نەپەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنى، قەشقەردىن 1476نەپەر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان ئوقۇغۇچىنى، ئىلى-غۇلجىدىن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان 3500نەپەر ئوقۇغۇچىنى تىزىملاپ، پويىزغا قاچىلاپ ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىپ « تەربىيىلىمەكچى » بولدى.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئاۋۋالقى دەۋرلەردە، ئۇيغۇرنىڭ ياش-ياش قىزلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولسا، كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرنىڭ ئەركەكلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرنىڭ ئوقۇغۇچى- زىيالىيلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىشنى پىلانلىدى. كەلگۈلۈك ئەمدى ئۇيغۇر زىيالىيلارغا كەلدى.

ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئاۋۋال ئىسيانكار ئۆلكە قەشقەردىن باشلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇش قەھرىمان ئۆلكە ئىلىدىن باشلاندى. ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرنىڭ تېتىر، تېرىلغۇ يەرلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. قەشقەر ۋىلايىتىدە قەشقەر كونا شەھەرنى چېقىپ، ئولتۇراق ئۆي سېلىپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقتى. ئىلى ناھىيىسىدە ئۇيغۇرنىڭ يەرلىرىنى، مەسىلەن، تۇرپانيۈزىدە ئۇيغۇرنىڭ باغ-ۋارانلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرى تارتىۋالدى. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرنىڭ مەھەللە ‏- كۆزلىرىدە ئۇيغۇرنى بىر -بىرىنى نازارەت قىلىدىغان قارانچۇققا، قورساق كۆتۈرگەنلەرنى خىتايغا چېقىپ قويىدىغان چېقىمچىغا ئايلاندۇرۇپ، تۇغۇت چەكلەشنى دەھشەتلىك بىر ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى.

ئۇيغۇر، قازاق چارۋىچىلارنى يايلاقتىن ئايرىپ تاشلىدى. ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاپ، چارۋىچىلىقتىن دېھقانچىلىققا ئۆتۈشكە زورلىدى.
2009-يىلى ئۈرۈمچىدە كۆتۈرۈلگەن نامايىش خىتاي زوراۋانلىقىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئىپادىلىرىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن نامايىش ئىدى. شۇ يىلى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى 40تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى بەردى. قىسقىسى ئۇيغۇرنى يوقىتىشنىڭ قايسى شەكلى ئۈنۈملۈك بولسا شۇنداق چارىلەرنى ئىشلىتىۋەردى.

ئەمدىلىكتە ئەرەب ئىسلام ئەللىرىدە ئالەمشۇمۇل دېموكراتىك ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان كۈنلەردە، بۇ ئىنقىلابنىڭ جۇڭگوغا يىتىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك بىر ھالغا چۈشۈپ قالغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، ياسىمەنگۈل ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدە قوزغىلىشىدىن ئەنسىرىگەن جۇڭنەنخەي، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ساقچىلار ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە 4 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى- زىيالىيلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كېتىش پىلانىنى ئېلان قىلىپ، يۇقىرىدىن- تۆۋەنگىچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋەھىمە تارقىتىپ، نامايىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى، ياسىمەنگۈل ئىنقىلابىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئىنقىلابنى يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ باشلاپ بېرىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا ۋەتەننى تاشلاپ ياقا يۇرتقا نەگە بارىسىلەر ئۇيغۇر ياشلىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى!

ياسىمەنگۈل ئىنقىلابى لىۋىيە تىرىپولىدىن بېيجىڭ شەھىرىگە كۆچۈپ كەلدى. ياسىمەنگۈل ئىنقىلابى مىسىر قاھىرەدىن شاڭخەيگە، گۇاڭجۇغا كۆچۈپ كەلدى. ئۆتكەن ھەپتە 20- كۈنى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق 13 شەھەردە ياسىمەنگۈل ئىنقىلابى بولۇپ ئۆتتى. ئەمدىلىكتە ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە خىتايدا 18شەھەردە ياسىمەنگۈل ئىنقىلابى بولماقچى. بۇ 18 شەھەرنىڭ ئىچىدە لىخاسامۇ بار، ئۈرۈمچىمۇ بار. مۇشۇنداق پەيتتە نەگە بارىسىلەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى!

خىتاينىڭ ياسىمەنگۈل ئىنقىلابچىلىرى « بىزگە ئىش كېرەك، بىزگە يېمەك-ئىچمەك كېرەك » دەپ شوئار توۋلىدى. سىلەر سەندۇڭغا بارىدىكەنسىلەر، سىلەرگە سەندۇڭدا يېمەك-ئىچمەك تەييار تۇرۇپتىمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، سىلەرنى بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىدىكەن، سىلەرگە بېيجىڭدا ئىش ئورنى تەييار تۇرۇپتىمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، نەگە بارىسىلەر ئۇيغۇر ياشلىرى، سىلەرنى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەپ كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، نەگە بارىسىلەر ئۇيغۇر ياشلىرى!

پويىز لەنجۇدىن ئۆتۈپلا 3500نەپەر ئۇيغۇرنى بىر يېزىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ دەپ ئويلىدىڭلارمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى؟ ھەي، نادان ئادەملەر،
ھەربىر ئۇيغۇرنى بىردىن يېتىلەپ قايسى شىركەت ئاچقان خىتايغا قۇل قىلىپ بېرىدۇ، بۇنى كىم بىلىدۇ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.