يەر شارى گېزىتى تور بىتى:ياۋروپادىكى ناتو سابىق سوۋېتلەرنى ئاغدۇرۇۋەتتى، ئاسىياچە ناتو شۈبھىسىزكى، جۇڭگوغا قاراپ كېلىۋاتىدۇ

ۋەنۋىي ئوقۇرمەنلەر تور بىتى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ئايرىم دۆلەتلەر تەكرار ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرەيلى!» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى كۆچۈرۈپ باستى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.11.11

يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ تور بىتى، خىتايدا نەشر قىلىنىدىغان «دۆلەت مۇداپىئە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: ياپونىيە ۋە ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى،كۆپ مىقداردا جۇڭگوغا قارىتىلغان مۇرەككەپ ئۇچۇرلار تارقالدى... ئارىلىقتا ياپونىيە بىلەن ھىندىستان دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى دېدى، دەپ خەۋەر تارقاتتى. قارىغاندا، خىتاي تەرەپنىڭ يۈرىكى پوك-پوك بولۇپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. دېڭىز يۈزىدە جۇڭگو ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەندە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەندە، ھېچكىم، ھېچنېمە دېمىگەنتى، يا! باشقىلارنىڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىنى ئەيىبلەيدىغان ھوقۇقنى خىتاي قەيەردىن ئالىدىغاندۇ؟

بۇرۇن ھىندىستان، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ماشىنىسىغا قوشۇلۇشنى خالىمايتتى، ئاسىياچە ناتو قۇرۇشقا ئانچە ئاكتىپ ئەمەس ئىدى، ھىندىستان ھازىر شۇ تەرەپكە يېقىنلىشىۋاتقان ئىپادىسىنى كۆرسەتتى» دەپ يازدى يۇقىرىقى گېزىت. ئەسلى شۇنداق دۇنيا ئىدىغۇ-بۇ. مەسىلەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جياڭ جېشى دىپلوماتىيە جەھەتتە ئامېرىكا تەرەپكە قىڭغىيىپ، ماۋ زېدۇڭ ئامېرىكا تەرەپنى ئالداپ قويۇپ، سابىق سوۋېتلار تەرەپكە قىڭغىيىپ، موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە، ئۇيغۇرىستان قاتارلىق زېمىنلارنى ستالىننىڭ قولى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئەمەسمىدى؟

زامان 1970‏-يىللارغا يىتىپ كەلگەندە، ماۋزېدۇڭ ئەمدى بۇ قېتىم سابىق سوۋېتلەردىن يۈز ئۆرۈپ، ئامېرىكىنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىپ، بۈگۈنچۇ، ئەينى چاغدا ئۇماچقا قورسىقى تويمايدىغان ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەۋلادى ئەمدى دوللار خەجلەيدىغان بايۋەچچىلەرگە ئايلانغاندا، جۇڭگولۇقلار يەنىلا رازى بولماي، ئامېرىكىلىقلاردىن نارازى بولۇپ، ئاسىياچە ناتو قۇرماقچى بولدى دەيدىغان بولسا، بۇنى زادى قانداق چۈشەندۈرگۈلۈك؟

«ئامېرىكا ئاۋۋىلىدە ئاسىياچە ناتو قۇرۇشنى تەسەۋۋۇر قىلغان، ياۋروپادىكى ناتو سابىق سوۋېتلەرنى ئاغدۇرۇۋەتتى، ئاسىياچە ناتو شۈبھىسىزكى، جۇڭگوغا قاراپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى گېزىت.

«جۇڭگونى چەكلەش جەھەتتە ياپونىيىنىڭ غەرىزىگە ئامېرىكا پۈتۈنلەي ماسلىشالايدۇ» دەيدۇ گېزىت.

ياپونىيىنىڭ بازىرى، ئامېرىكىنىڭ بازىرى ھازىرقى دۇنيادا خىتاينىڭ ئېكسپورت ماللىرىغا ئېچىۋېتىلگەن بازار بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ تاۋار ماللىرى ئامېرىكىنىڭ بازىرىغا نورمال سودىسىدا ئەبىدى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بويىچە، تۆۋەن باج ھېسابات بىرلىكىدە كىرىپ كەلگەچكە، خىتاي بۇنىڭدىن ھېسابسىز پايدا ئېلىۋاتىدۇ. خۇددى ئامېرىكىلىقلار يانچۇقىدىكى دوللارنى ئېلىپ خىتاينىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغاندەك ئىش بولۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، خىتاي ئامېرىكىدىن يەنە نېمىشقا ئاسىيادا ناتو قۇرماقچى دەپ نارازى بولىدۇ؟!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.