موڭغۇل يازغۇچىسى ھۇچىنھۇنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلاندى

موڭغۇل يازغۇچىسى ھۇچىنھۇ ئىنتېرنېتتە موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى خادانى قوللاش چاقىرىقىنى ئېلان قىلغىنى ئۈچۈن، 2010 - يىلى 11 - نويابىر كۈنى، ھېچقانداق رەسمىيەتسىز تۇتۇپ كېتىلگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.02.17
huuchinhuu-305.png خۇچىھۇ ۋە خادانى قوغداش بەتلىرىگە قويۇلغان سۈرەتلەر
Public domain

چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يازغۇچى ھۇ چىنىھۇ ھېلىمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئوغلى ۋە باشقا موڭغۇل ئاكتىپلىرى يازغۇچى ھۇچىنھۇنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلىغان.

چەتئەللەردىكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ياپونىيىدىكى «ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسى» نىڭ باش كاتىپى كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى موڭغۇل ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان، ئىلگىرى خادا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان موڭغۇل ئايال يازغۇچىسى ھۇچىنھۇ ۋە باشقا موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ، ئۇلارنى ئۇزۇن مۇددەت تەقىب ئاستىغا ئالغان.

كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرى ھەم موڭغۇل زىيالىلىرىنىڭ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2010 - يىلى 11 - نويابىر كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەن، موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان ئايال يازغۇچى ھۇچىنھۇنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كھېرېد ئەپەندى مۇنداق دىدى:

- ھازىر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خادا ئەپەندىنىڭ يېقىن سەپداشلىرى ھەم خىتايدا بىر قەدەر نامى چىققان موڭغۇل زىيالىيلىرىغا قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ھەتتا ئۇلارنى ئۇزۇن مۇددەت قانۇنسىز ھالدا تەقىب ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلىمەكتە. ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۇڭلياۋ شەھىرىدىكى ھوچىنھۇ خانىم تور بېتىدە ئېلان قىلغان، تۈرمىدىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان خادا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە يار يۆلەكتە بولۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغىنى ئۈچۈنلا، 2010 - يىلى نويابىر ئېيىدىن بۇيان ھىچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بىز نۆۋەتتە يازغۇچى ھۇچىنھۇنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.
huuchinhuu-yardar-305.png
خۇچىھۇ خانىمنىڭ تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى تۈپەيلىدىن بولغان زەخمىلىرىدىن بىرى

مەلۇم بولۇشىچە، ھۇچىنھۇ 1995 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلەتنى پارچىلاش ھەم جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادانىڭ، جازا مۇددىتى توشۇشنىڭ ئالدىدا، ئىنتېرنېتتە خادانى قوللاش چاقىرىقىنى ئېلان قىلغىنى ئۈچۈن، 2010 - يىلى 11 - نويابىر كۈنى، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار تەرىپىدىن ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتەلمىگەن ئەھۋالدا تۇتۇپ كېتىلگەن.

ھۇچىنھۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوغلى چېل بورجىگىننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، يازغۇچى ھۇ چىنىھۇنىڭ جىنايىتى بېكىتىلمەي تۈرمىدە يېتىۋاتقىنىغا 1 يىل 3 ئايدىن ئاشقان. ھۇچىنھۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇش ئورنىدا ساراق قىلىنىش جەريانىدا كۆپ قېتىم تەن جازاسىغا ئۇچرىغان. 2011 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ھۇچىنھۇنىڭ تاياق يىگەن ھالىتىنى ئوغۇرلۇقچە سۈرەتكە تارتىلىپ، تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ سۈرەت جەمىيەتتە جىددى ئىنكاس قوزغىغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئوغلى چېئېل بورجىگىنن ۋە چەتئەللەردىكى موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، چەتئەللەردە يازغۇچى ھۇچىنھۇنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلانغان.

كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە، 2010 - يىلى 10 - دېكابىر كۈنى 15 يىللىق جازا مۇددىتى توشۇپ، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى كېرەك بولغان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىبى خادا ئەپەندى ۋە 2010 - يىلى يىل ئاخىرىدا دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن خادانىڭ ئايالىنىڭ ھېلىمۇ نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كھەيرېد كھاۋىسگالت ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، «ئىچكى موڭغۇل دائىرىلىرىنىڭ موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم زىيالىيلىرىنى ھىچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىز ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن، «جازا مۇددىتى تولغان مەھبۇسلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش» ھەم «جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى 3 ئايدىن ئاشماسلىقى كېرەك» دېگەن قانۇنىي بەلگىلىمىسىگىمۇ خىلاپ قىلمىش» دېدى. كھەيرېد ئەپەندى يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى نۆۋەتتە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.