تۈركىيىنىڭ بولۇ ۋىلايىتىدە ئىنسان ھەقلىرى كۈنى خاتىرىلەندى

تۈركىيىنىڭ بولۇ ۋىلايىتىدىكى ئاباند ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتى 10-دېكابىر ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن «تۇراندىكى يېتىم ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-12-11
Share
seyit-tumturk-hayrullah-insan-heqliri-305.jpg «تۇراندىكى يېتىم ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا سېيىت تۈمتۈرك ۋە خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات بەردى. 2012-يىلى 10-دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

يىغىنغا ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 600 دىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىپ ئۆتتى.

«تۇراندىكى يېتىم ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار. 2012-يىلى 10-دېكابىر، تۈركىيە.
«تۇراندىكى يېتىم ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار. 2012-يىلى 10-دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

بىز يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن يىغىننى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇ ئاباند ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ گۆكخان ئەپەندى ۋە يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يىغىن ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى نەق مەيدان سۆھبىتىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت