تۇتقۇن مەھبۇبە ئابلەش ھەققىدە تولۇقلىما مەلۇماتلار

مەھبۇبە ئابلەش ھەققىدە بۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم دوستلىرىدىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق. مەھبۇبە ئابلەشنىڭ دوستلىرىدىن بىرى بۈگۈن رادىئومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق يەتكۈزگەن مەلۇماتىدا، ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ مەھبۇبەنى بىرقانچە قېتىم سوراق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

ئۇ يەنە، مەھبۇبەنىڭ سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشكە ئۇيغۇرلاردىن ئىئانە توپلاش مەسىلىسى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە تور بەتلەردە پىكىر بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ، مەھبۇبەنىڭ تور بەتتىكى پىكىرلىرىنىڭ خىتاينىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپ گەپلەر ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە، مەھبۇبەنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بىز ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدىن مەھبۇبە ئابلەش ھەققىدە مەلۇمات سورىغان ئىدۇق. بىراق، بىز بۈگۈن تەكرار تېلېفون قىلغىنىمىزدا قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.

مەھبۇبە ئابلەشنى يېقىندىن تونۇيدىغان ۋە ئۇزۇن مەزگىل پىكىرداش دوست بولۇپ مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەن يەنە بىر ئىنكاسچى، ئۆزىنىڭ مەھبۇبە ئابلەش بىلەن 4 ئاينىڭ ئالدىدا تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ئىنكاسچى بىلەن مەھبۇبە ئابلەش ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.