كوفى ئانناننىڭ ئەنقەرە زىيارىتى ۋە سۈرىيە مەسىلىسى

12-مارت كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەرەب بىرلىكىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى كوفى ئاننان بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى داۋىد پەترائەئۇس ئەنقەرەگە كېلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كوفى ئاننان(سولدا) تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان(ئوتتۇرىدا) ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ(ئوڭدا) سۆھبەتتە. 2012-يىلى 12-مارت، ئەنقەرە.
كوفى ئاننان(سولدا) تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان(ئوتتۇرىدا) ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ(ئوڭدا) سۆھبەتتە. 2012-يىلى 12-مارت، ئەنقەرە.
AFP

ئۇلارنىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە سۈرىيە ئۆكتىچى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم سۈرىيە مەسىلىسىگە بۇرىدى.

12-مارت كۈنى كوفى ئاننان ئەنقەرەدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى. كېيىن سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىدىن تەركىب تاپقان سۈرىيە مىللىي كومىتېتى لىدىرى بۇرھان گاليۇن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى. ئەنقەرە ھىلتون مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىشقا سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان مىللىي بىرلىك كومىتېتىدىن 6 كىشى قاتناشتى.

كوفى ئاننان ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا دەمەشىقتە سۈرىيە دۆلەت رەئىسى بەشار ئەسەد بىلەن ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا سۈرىيىدىكى قوراللىق توقۇنۇشنى تۈگىتىش ئۈچۈن بەزى تەكلىپلەرنى سۇنغان بولسىمۇ ھەم پىكىر بولالمىغان. سۈرىيىدىن قاتارغا بارغان كوفى ئاننان، قاتاردىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 12-مارت كۈنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن ئىدى. كوفى ئاننان تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەردوغانغا سۈرىيە دۆلەت رەئىسى بەشەر ئەسەد بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بۇ ئۇچرىشىشتا سۈرىيىدىكى توقۇنۇشنى توختىتىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن قىلىنىدىغان خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىش ئۈچۈن دەرھال بىر يول ئېچىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. كوفى ئاننان 13-مارت كۈنى ئاقشام تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

ئۆكتىچىلەر قورال تەلەپ قىلدى

كوفى ئاننان سۈرىيە مىللىي كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا سۈرىيىدىكى توقۇنۇشنى توختىتىش ئۈچۈن بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە كونكرېت تەكلىپلەرنى سۇنغانلىقىنى، ئۇلاردىن جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى، بىر جاۋاب كەلگەن تەقدىردە ئۇنىڭغا قاراپ قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى دېدى. سۈرىيە مىللىي كومىتېتى باشلىقى بۇرھان گاليۇن ئەپەندى بولسا، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ كوفى ئاننان بىلەن مۇزاكىرە نەتىجىسىدە سۈرىيىدىكى توقۇنۇشنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى تېپىپ چىقىپ، ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەكلىپ سۈپىتىدە بەرگەنلىكىنى، ئەگەر سۈرىيە ھۆكۈمىتى سىياسىي ۋە دىپلوماتىيىلىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا يېقىن كەلمىسە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارغا قورال-ياراق بېرىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى دېدى.

13-مارت كۈنى ئەنقەرە ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى داۋىد پەترائەئۇسنىمۇ كۈتۈۋالدى. دۈشەنبە كۈنى CIA نىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى بىلەن ئەنقەرەگە كەلگەن داۋىد پەترائەئۇسنىڭ 12-مارت كۈنىدىكى زىيارەتلىرى مەخپىي تۇتۇلغان بولسىمۇ، 13-كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ئاشكارىلاندى. ئۇنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چانقايادىكى ئۆيىدە قوبۇل قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ ئۇچرىشىشتا نۇقتىلىق ھالدا سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى داۋىد پەترائەئۇس تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى خاقان فىدان بىلەنمۇ ئۇچراشقاندىن كېيىن 13-مارت كۈنى ئاقشام ئەنقەرەدىن ئايرىلدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇرۇندىن تارتىپ سۈرىيىدىكى بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى گۇرۇپپىلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىمەكتە. تۈركىيە سۈرىيىدىكى ئىچ توقۇنۇشتىن قېچىپ كەلگەن كىشىلەرگە ئىگە چىقماقتا. تۈركىيە سۈرىيە بىلەن ئەڭ ئۇزۇن چېگراسى بولغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خاتاي ۋىلايىتىدە چېدىر كەنتى قۇرۇپ، سۈرىيىلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم قىلماقتا. بۈگۈنگىچە سۈرىيىدىن كەلگەن پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى 14 مىڭغا ئۇلاشقان بولۇپ، تۈركىيە بۇلارغا ياردەم قىلماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەرەب بىرلىكى ۋەكىلى كوفى ئاننان تۈركىيىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئەنقەرەدە ئۇچرىشىۋاتقاندا ت ر ت تۈرك تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى مۇستافا ئېسەن ئەپەندى تۈركىيە-سۈرىيە چېگراسىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان قوراللىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
‏«بىز بىر ھەپتىدىن بېرى سۈرىيىدە. سۈرىيە چېگراسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە قوراللىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، 4 كۈندىن بېرى ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە تىرىشقان بولساقمۇ، كۆرۈشەلمىگەن ئىدۇق. بۇنىڭ سەۋەبى تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن ئىقلىت رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇش ۋە ئەسەد ئارمىيىسىنىڭ خەلقنى بومبىلىشى ئىدى. ئۇلار بىز بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان ئىدى. ئەمما بىز بىر پۇرسەت تېپىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇلار بىزگە قوراللىق كۈرەشنى بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى دېدى.»

تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇخبىرى مۇستافا ئىسەن ئەپەندى تۈركىيىگە قېچىپ كەلگەن سۈرىيىلىكلەر تۇرۇۋاتقان رەيخانلى يېزىسىدىكى چېدىر كەنت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
‏«بىز ھازىر رەيخانلىدا، سۈرىيىگە 30-40 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا. تۈرك ئارمىيىسى سۈرىيىدىن قېچىپ تۈركىيىگە كىرگەن كىشىلەرنى بۇ يەرگە ئەكېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ سانى بۈگۈن 14 مىڭغا يەتتى. ھەر كۈنى يۈزلەرچە سۈرىيىلىك تۈركىيىگە قېچىپ كەلمەكتە. چېدىر كەنتنىڭ ئىچىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قولىدىمۇ قورال-ياراق بار ئىدى. ئۇلارنىڭ قولىدا قورال تۇتۇپ تۇرۇپ ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايلى دەپ شوئار توۋلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.»

مۇخبىر ت ر ت تېلېۋىزىيىسىگە بەرگەن مەلۇماتىدا سۈرىيىلىك پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە تۈركىيىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا چېدىر كەنت ئىچىدە مەكتەپ سېلىپ بالىلارنى ئوقۇتۇۋاتقانلىقىنى دېدى.

سۈرىيە مەسىلىسى تۈركىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى، بۇ سەۋەبتىن 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 2-نۆۋەتلىك «سۈرىيە دوستلىرى يىغىنى» ئىستانبۇلدا چاقىرىلماقچى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت