«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى

كىتابخانلارنىڭ بىردەك ھۆرمىتىگە ۋە ئىشەنچىگە ئېرىشىپ كەلگەن توختى ئاخۇن ئەركىننىڭ «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى» ناملىق ئەسىرى نەشردىن چىقتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى. 2012-يىلى مارت.
«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى. 2012-يىلى مارت.
RFA/Omerjan

توختى ئاخۇن ئەپەندى يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى توغرۇلۇق يازغان بىر قانچە ئون كىتابى، نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلىرى بىلەن ئەرەب دۇنياسىدا تونۇلغان.

توختى ئاخۇن يازغانلىرىنىڭ ئىلمىيلىقى، چىنلىقى ۋە ئىشەنچلىكلىكى بىلەن ئەرەب ئوقۇرمەنلىرىنىڭ چوڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن بولۇپ، شۆھرەتنى، نام چىقىرىشنى خالىمايدىغان، پەقەت مىللىتى ئۈچۈن خالىسانە خىزمەت قىلىشنى ئۆزى ئۈچۈن شەرەپ بىلىدىغان ئالىيجاناب خىسلەتكە ئىگە شەخسىيەتتۇر.

مۇندىن ئىلگىرى توختى ئاخۇن ئەركىننىڭ «ئۇنتۇلغان تۈركىستان»، «تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى» قاتارلىق قىممەتلىك ئەسەرلىرى يورۇق كۆرگەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

كىتابنىڭ تۈزۈلۈشى

«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى» ناملىق بۇ ئەسەر 400 بەتلىك، چوڭ ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ، 6 بۆلۈمدىن تۈزۈلگەن.

كىتابنىڭ1-بۆلۈمىدە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبلىرى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي تازىلاش ھەرىكەتلىرى سۆزلەنگەن. 2-بۆلۈمىدە، ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي پۇقرالىرىنى يەرلەشتۈرۈش سىياسىتى، 3-بۆلۈمىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، 4-بۆلۈمىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقى ۋە يوقىلىش تەھدىتى ئاستىدا قېلىۋاتقان ئۇيغۇر كىملىكى، 5-بۆلۈمىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسى ۋە ئۇلارغا ناھەق كىيدۈرۈلگەن تېررورىزم قالپىقى قاتارلىق ماۋزۇلار سۆزلەنگەن.

كىتابنىڭ 6-بۆلۈمىدە بولسا، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى توغرۇلۇق يېزىلغان مۇھىم ماقالىلەردىن بەزى ئۆرنەكلەر توپلانغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت