پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىدە ئۇستاز بولغان ئۇيغۇر مۇھەممەد ئىبراھىم داموللا

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چوڭ مەنسەپلەرگە چىققان ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئالاھىدە شۆھرەت قازانغان ئۇيغۇرلار ئاز ئەمەس.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراقاش شەھىرىدىن كېلىپ ئاخىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ۋاپات بولغان شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم ھاجىممۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى.

«قۇتادغۇ بىلك» نى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئالىم مۇھەممەد قاسىم ھاجىم «تۈركىستاندا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەر»ناملىق ئەسىرىدە، شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم ھاجىم توغرىلىق توختالغان بابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم مىلادىيە 1896-يىلى خوتەن قاراقاشتا تۇغۇلغان بولۇپ، مەرىپەتپەرۋەر، دىيانەتلىك ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇنىڭ ئوقۇش ھاياتى تاغىسىنىڭ ئوغلى روزى مۇھەممەد قارىنىڭ قولىدا قۇرئان كەرىمىنى يادلاشتىن باشلانغان بولۇپ، دەسلىپىدە قەشقەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان. 1921-يىلى ئەنجانغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ كىچىك چېغىدىكى ئۇستازى مۇھەممەد روزى قارىغا قۇرئان كەرىمىنى ئىككىنچى قېتىم تىڭشىتىپ ئۆتكۈزۈپ، ئۇستازىدا «شاتىبىييە» ناملىق كىتابنى شەرھىيسى بىلەن قوشۇپ ئوقۇپ تۈگەتكەن. ئۇ يەردىن نەمەنگانغا بېرىپ، ئەللامە شەيخ مۇھەممەد سابىتدا بەزى ھەدىس كىتابلىرىدىن تەلىم ئالغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان سەپىرى

ئۇ 1929-يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە، ئىستانبۇلدىن مىسىرنىڭ بورسەئىد شەھىرىگە، ئۇ يەردىن سۇۋەيش قانىلىغا بارغان. شۇ يىلى زۇلھەججىنىڭ 13-كۈنى سۇۋەيش قانىلىدىن مەككە-مۇكەررەمەگە يېتىپ كەلدى. لېكىن ئۇ چاغدا ھەج پائالىيىتى ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇ يىلى ھەج قىلالماي، مەككىدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كەتكەن. 1930-يىلى پەرز ھەجىنى ئادا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە يەرلىشىپ قالغان.

شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىمنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى

ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم دەسلەپتە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەڭ قەدىمىي مەدرىسىسى نىزامىيە مەدرىسىگە ئۇستازلىققا تەيىنلىگەن. ئۇ بۇ مەدرىسىدە بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۇستاز بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەربىيىلەپ چىققان. 1962-يىلى پەيغەمبەر مەسچىتىگە تەۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە كۇتۇپخانىسىدا ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، بۇ كۇتۇپخانىدا، ئاز ئۇچرايدىغان كىتابلارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئەرەبچە كىتابلارنى ئۆزى پۇختا بىلىدىغان تۈركچە، ئوردوچە، پارسچە، ئۆزبېكچە ۋە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن. شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەقىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان مەدىنە مۇنەۋۋەرە كۇتۇپخانىسىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان قوليازمىلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ، ئۇ بىر قېتىم ئۆزىنىڭ شۇ كىتابلارنىڭ ئىسمى، ئورنى، ساقلاش رەقىمى ۋە قايسى كۇتۇپخانىغا قويۇلغانلىقىنى تىزىملاپ، بىر جەدۋەل تۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. چۈنكى ئۇ بىر قانچە يىل شۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا كۇتۇپخانىلاردىكى كىتابلار بىلەن پىششىق تونۇشۇپ چىققان.

شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم كۇتۇپخانىدىكى خىزمىتىدىن باشقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىدە ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل شۇغۇللانغان. ئۇ كېسەل سەۋەبى بىلەن 1969يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ئەل غەرقەد قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.»