خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 4 نەپەر خىتاي سىياسىي تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن چاقىرىقنامە ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.05.17

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ چېڭدۇ قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 4 نەپەر خىتاي سىياسىي تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى بۇ ھەقتە خىتاينىڭ چېڭدۇ سوتى، چېڭدۇ قاماقخانىسى ۋە خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىگە خەت يېزىشقا چاقىردى.

چاقىرىقنامىدە بايان قىلىنىشىچە، فۇ خەيلۇ ۋە چېن بىڭ قاتارلىق 4 نەپەر سىياسىي ئۆكتىچى 2016-يىلى «4-ئىيۇن خاتىرىسى» ناملىق بىر ھاراق بوتۇلكا ماركىسىنى لايىھىلىگەن؛ ماركىغا «27 يىل دۆملەنگەن، سېتىلمايدۇ» دەپ خەت يېزىلغان. بۇ ماركىلىق ھاراق 5-ئاينىڭ 26-كۈنى تور ئارقىلىق بازارغا سېلىنغان. ئېلان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. دائىرىلەر ئىككى كۈندىن كېيىن ماركىنى لايىھىلىگۈچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى 4 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە بۇ يىل 24-مارت كۈنى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش بىلەن ئەيىبلەپ رەسمىي قولغا ئالغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، مەزكۇر 4 پائالىيەتچىنىڭ قىلمىشىنىڭ ھېچقانداق بىر جىنايەتكە ياتمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت ئەقەللىي ئىنسانىي ھەققىنى قوللانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بۇلارنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.