ئالدىمىزدىكى 5 - فىۋرال كۈنى 1997 - يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 - فېۋرال ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىق خاتىرە كۈنى. ۋاشىنگىتوندا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى گۇرۇپپىسى بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى مەزكۇر ۋەقەنى قايتا بىر ئەسلەشكە دەقەت قىلدى. باياناتتا بۇ ۋەقەنىڭ بەزى خىتاي تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلىنىشى دەپ قەيت قىلىنغانلىقى، ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇنىڭ تىنچ شەكىلدە باشلانغان ۋە خىتاينىڭ دۆلەت زوراۋانلىقى سەۋەبلىك قانلىق ئاخىرلاشقان بىر ئاممىۋىي نامايىش ئىكەنلىكى ئەسلىتىلدى.
غۇلجا ياشلىرىنىڭ ئەنە شۇ مەزگىلدە جەمئىيەتتە يامرىغان زەھەرلىك چىكىملىكنى چەكلەش ئۈچۈن مەشرەپ پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتكەنلىكى ۋە بۇ مەشرەپتىن تەھدىت ھېس قىلغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەشرەپتە يېتەكلەش رولى ئالغان دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، خىتاي مەزكۇر نامايىشنى باستۇرۇشتا قوللانغان سوتسىز ئېتىۋېتىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە تۈرمىلەردە قېيىن - قىستاققا ئېلىشتەك دۆلەت زوراۋانلىقىنى 2013 - يىلى خوتەن خانئېرىق، 2014 - يىلى يەكەن ئېلىشقۇ ۋە ئاقسۇنىڭ ئالاقاغا ۋەقەلىرىدە قوللانغانلىقىنى تەكىتلەندى. مەزكۇر گۇرۇپپا بۇ باياناتىدا يەنە، خەلقئارا جامائەتنى بۇ تۈر ۋەقەلەرگە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ئارقىلىق خىتايغا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە ھەددىنى بىلدۈرۈشكە چاقىردى.